ھامىلە ئورنى غەيرى بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟
ۋاقتى: 2015-06-01
ئاۋاتلىقى: 682 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلە ئورنى غەيرى بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟
تۇغۇت بۆلۈمىدە بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇلى بولسا 9 ئايلىق (36 ھەپتە)ھامىلنىڭ ئورنى يەنىلا يوغرا بولمىغان ۋاقىتتا، قويغان دىئاگنوزىمىزنىڭ توغرىلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بىراق بەزى ئاز ساندىكى ھامىلدار ئاياللارنىڭ تۇغۇتتىن ئاۋۋال ھامىلە ئورنىنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتى بار. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھامىلدار بولۇپ 34ـ32ـ ھەپتىگىچە، يەنىلا ھامىلە ئورنى توغرا بولمىسا: (ساغرا ئورنى) سۈنئىي ئۇسۇلدا سىرتقى ھامىلە ئورنىنى ئۆزگەرتىشنى قارار قىلسا بولىدۇ. تەبىئىي ھالەتتە كاسسىچىلاپ تۇغۇش،غبىۋاستە قورساقنى يېرىپ ئېلىش.سۈنئىي ئۇسۇلدا سىرتتىن ھامىلە يۆتكىگەن ۋاقىتتا، دائىم بالىياتقۇنى بوشىتىش دورىسىنى ئىشلىتىش، تەجرىبىلىك دوختۇرلار ئېلىپ بارغان ۋاقىتتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش %60دىن يۇقىرى بولىدۇ، بىراق ئىلگىرى قورساق ياردۇرۇش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرغان ھامىلدار ئاياللارغا سىرتتىن ھامىلە ئورنىنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش تەشەببۇس قىلىنمايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا باش سۈيىنىڭ مىقدارى چوقۇم مۇۋاپىق بولۇشى، ئەڭ ياخشىسى بوۋاقنىڭ دۈمبە قىسمىنىڭ ئىككى تەرىپىدە، ھامىلدار ئايالنىڭ ئېغىرلىقى مۇۋاپىق بولۇش، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بوۋاقنىڭ ساغرا قىسمى داس بوشلۇقىنىڭ ئىچكى قىسمىغا كىرمىگەن شارائتتا سىرتتىن بوۋاقنىڭ ئورنىنى يۆتكەش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ.