يېڭى ئانا بولغۇچىنىڭ تۇغۇتتىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق ھەيزى
ۋاقتى: 2016-07-05
ئاۋاتلىقى: 1006 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
تۇغۇتلۇق ئايال ئەگەر بوۋاقنى ئېمىتمىسە تۇغۇتتىن كېيىن تەخمىنەن ئالتە ئايدىن سەككىز ئايغىچە ھەيز كۆرىدۇ. تۇنجى قېتىملىق ھەيزنىڭ مىقدارى مۇقىم بولمايدۇ، بەزىلەرنىڭ ئاز، بەزىلەرنىڭ كۆپ بولىدۇ . بوۋىقىنى ئېمىتىدىغان تۇغۇتلۇق ئايال كېچىكىپ ھەيز كۆرۈشى مۇمكىن، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا 18ئايدىن كېيىن ئاندىن كېلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئېمىتىش، بەدەندىكى سۈت ئاجرىتىش ھورمونىنى ئاشۇرۇپ، تۇخۇم چىقىرىشنى توسىدۇ، شۇڭا ھەيز كۆرمەيدۇ.
تەن سالامەتلىكىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى، يەنە بالا ئېمىتىشنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن بەزى ئانا بولغۇچىلاردا ھەيز نورمال بولماسلىق ياكى كېچىكىپمۇ كەلمەسلىك مەسىلىلىرى كۆرۈلىدۇ. تۇغۇتتىن كېيىنكى ئالتە ئاي چىللە مەزگىلى دېيىلىدۇ. چىللە ئالدىنقى مەزگىلىدە جىنسىي يولدىن چىللە خۇنى ئاجرىلىپ چىقىدۇ، چىللە خۇنى بولسا ھامىلىدارلىق مەزگىلدە بالىياتقۇ پەردىسىنىڭ قېلىنلىشى ۋە قان تومۇرلارنىڭ كۆپىيىشىدىن شەكىللەنگەن، تۇغۇتتىن كېيىن داۋاملىق پەردىدىن بەدەن سىرتىغا ئاجرىلىپ چىقىدىغان كېرەكسىز توقۇلما. ئەگەر مىكروسكوپ بىلەن چىللە خۇنىنى كۆزەتسەك، ئۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبىنىڭ قىزىل قان ھۈجەيرىسى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە قاسراقچىسىدىن ئۆزگەرگەن توقۇلما، ئېپتىليە ھۈجەيرىسى ۋە باكتېرىيە ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.