ھامىلىدارلىقنىڭ 3-ھەپتىسىدە گازلىق ئىچىملىك ئىچكەنىدىم، ھامىلىگە تەسىرى بولارمۇ؟
ۋاقتى: 2016-04-06
ئاۋاتلىقى: 744 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
سىز سۇنىڭ چۈشەندۈرۈش قەغىزىگە قاراپ بېقىڭ، ھامىلىدارلار ئىچسە بولمايدۇ دېگەن خەت بارمىكەن يوقمىكەن، مۇبادا شۇ خەت بولسا بەلكىم ھامىلىگە ئازراق تەسىرى بولۇشى مۇمكىن، بىراق بولماسلىقىمۇ مۇمكىن.
بەزىلەر ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى 35 كۈنىدە (دەسلەپكى ھەيزنىڭ تۇنجى كۈنىدىن باشلاپ 35 كۈن ئىچىدە) دورا ئىچكەن بولسا ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ دەيدۇ. ھامىلىنى ساقلاپ قالماقچى بولسىڭىز ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى تەكشۈرۈشنى ياخشى قىلىپ، 22-ھەپتىدىن 26-ھەپتىگىچە ئارىلىقتا تۆت ئۆلچەملىك رەڭلىك ئاپپاراتتا غەيرى تۆرەلمىمۇ ئەمەسمۇ تەكشۈرتۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .