كۆكيۆتەلنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بار؟
ۋاقتى: 2016-07-31
ئاۋاتلىقى: 709 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
كۆكيۆتەلنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بار؟
1.كېسەللىكنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە زۇكامغا ئوخشاش ئالامەتلەر بولۇپ، بىرنەچچە كۈندىن كېيىن يۆتەل ئېغىرلايدۇ، بولۇپمۇ كېچىسى يۆتىلىش ئېغىرلايدۇ.بىر ئىككى ھەپتىدىن كېيىن تەرەققى قىلىپ تۇتقاقلىق يۆتەل دەۋرىگە كىرىدۇ.
2.تۇتقاقلىق دەۋرىنىڭ ئالامىتى بولسا بىردەم-بىردم يۆتىلىدۇ.يۆتەل ئاۋازى قىسقا، ھەتتا ئارقا-ئارقىدىن يۆتىلىپ نەپەس ئالغۇچىلىك ۋاقىتمۇ بولماي، چىرايى قىزىرىپ، بۇرنىدىن سۇ ئېقىپ، كۆزىدىن ياش چىقىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا چوڭقۇر ھەم ئۇزۇن نەپەس ئالىدۇ، ھەم <<توخۇ چىللىغاندەك>> ئاۋاز چىقىرىپ، يىمەكلىكنى قۇسۇپ چىقىرىۋېتىدۇ.
دىقققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، يېڭىدىن تۇغۇلغان بالىلار كۆكيۆتەلگە گىرىپتار بولۇپ قالسا، يۆتىلىپ ماغدۇرسىزلىنىپ، كاناي، كانايچە بوشلۇقى تارىيىپ.ناھايىتى ئاسانلا بەلغەم تەرىپىدىن توسۇلۇپ قالىدۇ، مۇشۇنداق بولغاچقا كۆيۆتەلگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن كېسەللىك ئەھۋالى تىپىك تۇتقاقلىق يۆتەل بولۇپ ئىپادىلىنىپ چىقمايدۇ، پەقەت بىردەم-بىردەم دېمى سىقىىلپ ، چىرايى كۆكىرىپ كېتىدۇ.
3.ئەسلىگە كېلىش دەۋرى2~6 ھەپتىگىچە تۇتقاقلىق يۆتەل مەزگىلىدىن كېيىن ، ئەسلىگە كېلىش دەۋرىگە كىرىدۇ.ئەسلىگە كېلىش دەۋرى تەخمىنەن 2~3 ھەپتە بولىدۇ.