كىچىك بالىلار زۇكام رىسالىسىنى تەڭشەشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
ۋاقتى: 2016-07-26
ئاۋاتلىقى: 591 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
كىچىك بالىلار زۇكام رىسالىسىنى تەڭشەشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
1 .قايناق سۇنى كۆپ ئىچىش، كۆپلەپ سۈيدۈكنى ھەيدەش، بالىلارغا قايناق سۇ بېرىش كېرەك. ئادەتتە بالىلار قىززىغاندا بەدەندىكى سۇ تەركىبى خورايدۇ، ۋاقتىدا سۇ تولۇقلىغاندا تېمپىراتۇرىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
2 . ۋىتامىن A مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، زۇكام ،قىززىتما مەزگىلىدە ئادەم بەدىنى ھەرخىل ئوزۇقلۇققا ئېتىياجلىق بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ۋىتامىن A كەمچىل بولسا، نەپەس يولى ھەمدە ھەزىم قىلىش يولى شىللىق پەردىلەرنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. بالىلار زۇكام بولۇپ قالغاندا ئاسانلا كاناي ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى، ئۈچەي ياللۇغى بولۇپ قالىدۇ.
3.سىنىك مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش. سىنىك بالىلارنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. قايتا زۇكام بولۇشنىڭ ھەمدە ئېغىز يارىسى بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
4 .مۇۋاپىق مىقداردا ۋىتامىن C مول بولغان مېۋە شەربەتلىرىنى تولۇقلاپ تۇرۇش كېرەك. زۇكامنىڭ ساقىيىشىغا ياردەم بېرىدۇ، ئائىىلىدە يېڭى بولغان مېۋە شەربەتلىرىنى تەييارلاپ قويسا بولىدۇ، مەسىلەن، لېمون شەربىتى، نەشپۈت شەربىتى، ئاپلىسىن شەربىتى قاتارلىقلار، بىراق شەربەتلەرنى سۇنىڭ ئورنىدا ئىچىشكە بولمايدۇ.