ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بېسىمى ئېغىر ئاياللارنىڭ قىز تۇغۇش ئېھتىماللىقى چوڭ

بېسىمى ئېغىر ئاياللارنىڭ قىز تۇغۇش ئېھتىماللىقى چوڭ

ۋاقتى: 2016-01-25 ئاۋاتلىقى: 690 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەنگىلىيەدىكى «تېلېگراف خەۋەرلىرى گېزىتى» يېقىندا مۇنداق بىر خەۋەر بىرگەن: ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، بالىلىق بولۇشنى خالايدىغان ئاياللارنىڭ بېسىمى ئېغىرلىشىپ كەتسە، ئۇلارنىڭ قىز تۇغۇش مۇمكىنچىلىكى زورىيىدىكەن.
ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 338 ئايالنىڭ ھامىلدار بولۇشتىن ئىلگىرىكى بېسىم ھورمۇنى سەۋىيەسىنى ئۆلچەپ تەھلىل قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دېيىشتى: «بېسىمى ئېغىر ئاياللارنىڭ ئوغۇل تۇغۇش نىسبىتى بېسىمى يېنىك ئاياللارغا قارىغاندا %75 ئاز بولىدۇ، چۈنكى بىسىم ھورمۇنى سەۋىيەسى يۇقىرى بولسا، ئوغۇل بالىغا ھامىلدار بولۇش مۇمكىنچىلىكى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ناۋادا بۇ خىل ھورمۇن ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى بولسا، ئاياللارغا بويىدىن ئاجراپ كېتىش تەھدىتى سالىدۇ.»
تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: نىكاھ مۇناسىۋىتى ياخشى بولماسلىق، خىزمەت ئېغىر، ئىقتىسادى ئەھۋالى ناچار بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار بېسىم ھورمۇنىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈشى تەسكە توختايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى