تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەييارلىق-كىيىم-كېچەك
ۋاقتى: 2016-08-31
ئاۋاتلىقى: 623 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بوۋاقلار ئۆمىلىگەندا كىيىدىغان مەخسۇس كىيىمدىن 4قۇر
بوۋاقلارنى سىرتقا ئېلىپ چىققاندا كىيدۈرىدىغان مەخسۇس كىيىمدىن 2قۇر
يۆگەك 2دانە ـــــ بالىنى ئوراشقا ئىشلىتىلىدۇ، ئەدىيال ئورنىدا يېپىنىشقىمۇ بولىدۇ.
بوۋاقلار ئۇخلاش خالتىسى 1-2دانە ـــــ ئەڭ ياخشىسى يېڭىنى ئېلىۋەتكىلى بولىدىغان، پوسمىسى، ياستۇقى بارنى تاللاش كېرەك. ئەپچىلرەكىنى سىرتقا چىققاندىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
بوۋاقلار پوسمىسى 2دانە ـــــ بوۋاقنىڭ ئۇخلىشىغا تەسىرى بولماسلىقى ئۈچۈن نېپىزرەكىنى تاللاش كېرەك.
قورساقباغ 2دانە ـــــ بوۋاقنىڭ كىندىكىنى قوغداش رولى بار.
قولقاپ، پۇتقاپ 2دىن ــــ بوۋاقنىڭ ئۆزىنى تۇتۇپ يارىلاندۇرۇپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
پايپاق 5جۈپ ـــــ سوغۇق پۇتتىن كىرىدۇ، پايپاق كىيدۈرمىگەندە بوۋاققا ئاسانلا سوغۇق ئۆتۈپ قالىدۇ.
بوۋاقلار ئايىغى 2جۈپ ـــــ سىرتقا چىققاندا كىيدۈرۈلىدۇ.
شالداما 6دانە ــــــ سۈمۈرۈشچانلىقى ياخشى بولغان پاختا ياكى داكىدىن تىكىلگەن بولسا ياخشى.
تۇراقلاندۇرۇش ياستۇقى 2دانە ـــــ بوۋاقنىڭ باش شەكلىنى ياخشى ساقلايدۇ.