ئاياللار كىلماكتېرىيە دەۋرىدە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟
ۋاقتى: 2016-07-18
ئاۋاتلىقى: 779 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
1. كىلماكتېرىيە (ھەيز كېسىلىش)دەۋرىگە ئائىت ساۋاتلارنى بىلىشى كېرەك.
2. پىسخىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىشى يەنى ئۆزىنى خوشال تۇتۇشى، قورقۇنچلۇق خىياللاردا بولماسلىقى، بۇرۇنقى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئويلىماسلىقى كېرەك.
3.ئىناق ئائىلە كەيپىياتىنى يارىتالىشى، مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشى كېرەك.
4. ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشى، خىزمەت ۋە تۇرمۇشى قانۇنيەتلىك بولۇشى، ئۇخلاشتىن بۇرۇن، چاي قاتارلىق ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىكى، قورقۇنۇچلۇق، تەسىرلىك فىلىملارنى كۆرمەي ۋاقتىدا ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
5.كىلماكتېرىيە دەۋرىدە ئاشقازاننىڭ قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاقسىللىق، ۋىتامىنلىق، كالتسىيلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك.
6.ھەيز كېسىلگەندىن كېيىن جىنسىي يولدىن قان كەلسە ۋاقتىدا دوختۇرغا بېرىپ تەكشۈرتۈشى كېرەك.
7. شەخسىي تازىلىققا، بولۇپمۇ ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.