ئوشۇق قايرىلىپ كېتىشنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە
ۋاقتى: 2015-10-10
ئاۋاتلىقى: 594 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئەڭ ئاسان قايرىلىپ كېتىدىغان ئورۇن بولسا ئوشۇق بوغۇمى. بوۋاقلارغا مېڭىشنى ئۆگەتكەندە، سىرتتا ماڭدۇرغان چاغدا بالىلارنىڭ پۇتىنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
بوغۇم قايرىلىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى: يارىلانغان بوغۇم ئىششىش، ھەرىكىتى چەكلىمىگە ئۇچراش، تۇتقاندا ئاغرىش، بوغۇمنىڭ ھەرىكەت قىلىشىغا ئەگىشىپ ئاغرىق بارغانسېرى كۈچىيىش، مۇسكۇللار ئۆزلىكىدىن تارتىشىپ قېلىش، بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن يارىلانغان ئورۇن كۆكىرىپ ئىششىپ قېلىش قاتارلىقلار.
مۇناسىپ بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇلى: بالىنىڭ بوغۇمى قايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن دەرھال بالىنى ئېگىز كۆتۈرۈش، قايرىلىپ كەتكەن ئورۇننىڭ ھەرىكەت قىلىشىدىن ساقلىنىش.
قايرىلىپ كەتكەن ئورۇننى ئۇۋۇلىماسىلىق، ئىششىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قايرىلىپ كەتكەن ئورۇنغا 15 مىنۇت ئەتراپىدا سوغۇق سۇ قۇيۇش ياكى مۇز پارچىسىنى تەگكۈزۈش، كېيىن داكا ياكى قولياغلىق ئارقىلىق قايرىلىپ كەتكەن ئورۇننى مەھكەم تېڭىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا قايرىلغان بوغۇمنى مۇقىملاشتۇرۇش مەقسىتىگە يېتىپلا قالماستىن يەنە ئىششىق ياندۇرۇش ئۈنۈمىگىمۇ يەتكىلى بولىدۇ. يەنە قاننى جانلاندۇرىدىغان، ئىششىق ياندۇرىدىغان جۇڭيى دورىلارنى تېڭىشقىمۇ بولىدۇ.
يارىلانغان ئورۇنغا 48 سائەت ئىچىدە ئىسسىق ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ. 1-2 كۈندىن كېيىن بالىنىڭ قايرىلىپ كەتكەن بوغۇمىنى ئۇۋۇلاپ بېرىش ئارقىلىق قايرىلىپ كەتكەن ئورۇندىكى قان ئايلىنىشى ۋە ئىششىقىنىڭ يېنىشىنى تېزلىتىش كېرەك. بوغۇم قايرىلىپ كېتىش كۆپىنچە سۆڭەك سۇنۇش ياكى بوغۇم چىقىپ كېتىش قاتارلىقلار بىلەن بىرگە كېلىدۇ، بولۇپمۇ بالىلاردا سۆڭەك يېرىم چىقىپ كېتىش كۆپ ئۇچرايدۇ، شۇڭلاشقا بالىنىڭ ئاغرىقى بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتسە دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ داۋالىتىش لازىم.
تەھرىر تەۋسىيەسى:
بالىلاردىكى كۈتۈلمىگەن يارىلىنىش ھەققىدە
بوۋاقلارنىڭ قورسىقى كۆپۈشنىڭ سەۋەبى نېمە؟
بالىلارنىڭ باش ئايلانمىسىنى ئۆلچەپ تۇرۇڭ
Tags: