بالدۇر تۇغۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
ۋاقتى: 2016-07-17
ئاۋاتلىقى: 555 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بالدۇر تۇغۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
بالدۇر تۇغۇلۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان تەقدىردىمۇ، كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ھامىلىنى ساقلاپ قېلىش داۋالىشى ئارقىلىق ئوخشاشلا ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدۇ. بالدۇر تۇغۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئاياللار ئاۋۋال ئەڭ ياخشىسى كارىۋاتتا يېتىپ ئارام ئېلىشى كېرەك، بۇنداق قىلغاندا بالاھەمرىيى بىلەن بالىياتقۇ ئارىسىكى قان ئايلىنىشنى كۈچەيتىپ، بالا ھەمرىيىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. ئاندىن قالسا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمسى بويىچە بالىياتقۇنىڭ تاريىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورىلارنى ئىشلەتسە بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلاق ھورمونىنى ئىشلىتىپ بالا ھەمرىيى ئارقلىق بالا ھەمرىيىنى يېتىلدۈرۈش، ئىنچىكە ئۈچەي نىكروزلىشىش، مېڭە قېرىنچىسى ئىچى قاناش، نەپەس قىيىنلىشىش ئۇنۋېرسال كېسىلى قاتارلىقلارنى ئازايتىش كېرەك، شۇ ئارقىلىق يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھورمون ئىشلەتسە ياخشى ئەمەس دەپ قارىماستىن، مۇۋاپىق ئىشلىتىشنى بىلىش لازىم.
ئۇنىڭدىن باشقا بالدۇر تۇغۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئەڭ مۇھىمى ھامىلدار ئاياللار ھەر ۋاقىت ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىش، ھارغۇن ھالەتتە تۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك، ھازىرقى ئادەملەرنىڭ خىزمىتى ئالدىراش، بېسىم چوڭ، ھەتتا دائىم ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەيدۇ. كۆپ ئەھۋاللاردا بالدۇر تۇغۇلۇش بولسا ھامىلدار ئاياللارنىڭ ھەددىدىن زىيادە چارچاپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا ھەر ۋاقىت بەدىنىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە دىققەت قىلىش، نورمالسىزلىقنى بايقىغان ھامان دوختۇرغا كۆرۈنۈش لازىم.