ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

جىنسىي تۇرمۇشتىكى پەرھىزلەر

جىنسىي تۇرمۇشتىكى پەرھىزلەر

ۋاقتى: 2016-06-16 ئاۋاتلىقى: 931 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەر-ئاياللارنىڭ بىرگە بولۇشى مۇۋاپىق بولماسلىقى تۈپەيلىدىن سالامەتلىككە، ئەر-خوتۇنلۇق ھېسسىياتقا تەسىر يېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا جىنسىي تۇرمۇشتىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك:
1. مەست بولۇپ قالغاندا جىنسىي ئالاقە قىلىشقا بولمايدۇ. (بىزنىڭ ئەقىدىمىزدە ئەڭ ئاۋۋال ھاراق چەكلەنگەن، ئاندىن بۇنداق مەست ھالەتتە بىللە بولۇپ ئايالى ھامىلىدار بولسا تېخىمۇ دۇرۇس بولمايدۇ) ھازىرقى زامان تېبابەت ئىلىمىدە ئىسپاتلىنىشىچە، ئەگەر ئايال ھامىلىدار بولۇپ قالسا ئۇرۇقنىڭ ساغلام بولماسلىقى تۈپەيلىدىن، بالا غەيرىي ياكى دەلتە تۇغۇلۇپ قالىدۇ.


2. چارچاپ كەتكەندە جىنسىي ئالاقە قىلماسلىق كېرەك. مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن بىر كۈنلۈك ئېغىر ئەقلىي ۋە جىسمانىي ئەمگەكتىن كېيىن ئوبدان ئارام ئېلىشى كېرەك.چارچاپ كەتكىنىگە قارىماي جىنسىي ئالاقە قىلىش، ئادەمنى جىسمانىي جەھەتتىن تېخىمۇ چارچىتىپ، ئەرلەردە مەنىي بالدۇر كېتىش، ئەرەنلىكى كارغا كەلمەسلىك، ئاياللاردا بولسا جىنسىي تۇرمۇشتىن بىزار بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. قورساق ئاچ ياكى توق ھالەتتە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بولمايدۇ. قورساق تويۇپ كەتكەندە بەدەندىكى قان ئاشقازان-ئۈچەيلەرنىڭ ھەزىم قىلىش ئېھتىياجى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان  بولغاچقا، چوڭ مېڭە ۋە جىنسىي ئەزاغا قان يېتىشمەيدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا جىنسىي ئالاقە قىلىش ئادەمنى بىئارام قىلىپ، جىنسىي تۇرمۇشنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. قورساق بەك ئېچىپ كەتكەندە، ئادەم بەدىنىدە ئېنېرگىيە پەيدا قىلىدىغان ماددىلار ئازىيىپ كەتكەچكە، پۇت-قولدا ماغدۇر قالمايدۇ. شۇڭا ئاچ قورساق ھالەتتە جىنسىي ئالاقە قىلىش مۇۋاپىق ئەمەس.



4. بىر تەرەپنىڭ مەيلى يوق ۋاقىتتا جىنسىي ئالاقە قىلىشقا بولمايدۇ. قارشى تەرەپنىڭ مەيلى بار-يوقلۇقىغا قارىماي جىنسىي ئالاقە قىلىش جىنسىي تۇرمۇشنىڭ لەززەتلىك بولۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن، ئاسانلا جىنسىي تۇرمۇشتىن بىزار بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. زورلاپ جىنسىي ئالاقە قىلىش ئاياللاردىكى جىنسىي تۇرمۇش بىزارلىقىنىڭ مۇھىم سەۋەبىدۇر.
5. ھەيز مەزگىلىدە جىنسىي ئالاقە قىلىشقا بولمايدۇ. ھەيز مەزگىلىدە بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىگە قان تولۇپ، قاناپ، سويۇلۇپ چۈشىدۇ. بالىياتقۇ بويىنىمۇ ئادەتتىكىدىن چوڭراق ئېچىلىپ تۇرىدۇ. جىنسىي يولدىكى كىسلاتالىق ئاجرالمىلارنى بالىياتقۇدىن كەلگەن قان ئېقىتىپ كەتكەچكە، جىنسىي يولنىڭ ئالاقە قىلىش جىنسىي يول ياللۇغى، بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغى، داس بوشلۇقى ياللۇغى ۋە سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش قاتارلىق كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6. ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى مەزگىللىرىدە جىنسىي ئالاقە قىلىشقا بولمايدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئىككى ئېيىدا جىنسىي ئالاقە قىلغاندا، بالا ئوڭاي بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ. ئاخىرقى ئۈچ ئېيىدا جىنسىي ئالاقە قىلغاندا بالا بالدۇر تۇغۇلۇپ قالىدۇ. ھەتتا ئاياللارنىڭ جىنسىي يولى يۇقۇملىنىپ، بالا قورساقتا تۇنجۇقۇپ قېلىش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىدۇ، ئانىنىڭ ھاياتىغىمۇ خەۋپ يېتىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا تۇغۇتتىن كېيىنكى بىر يېرىم ئاي ئىچىدە، روھىي كەيپىيات، سالامەتلىك ياخشى بولمىغان ئەھۋالدا جىنسىي ئالاقە قىلىشقا بولمايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى