ھامىلىدارلىقنىڭ 16-ھەپتىسىدىكى ئايالنىڭ بەدەن ئۆزگىرىشىدىن خۇلاسە
ۋاقتى: 2015-12-01
ئاۋاتلىقى: 678 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
فىزىيولوگىيەلىك جەھەتتە :روھى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، كۆكرەك قىسمى چوڭىيىدۇ، ئىشتىھاسى چوڭىيىدۇ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ فۇنكسىيەسى ئاجىزلىغانلىق سەۋەبلىك ھەزىم قىلىش ناچارلىشىدۇ ۋە قەۋزىيەت كېلىپ چىقىدۇ.
كەيپىيات جەھەتتە: كەيپىيات تۇراقسىزلىقى پەسىيىدۇ، ھامىلىدارلىقتىكى ئۆزگىرىشكە كۆنگەن بولىدۇ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ۋاقىتلىق ئاجىزلايدۇ، تېرىسى قارىدايدۇ، داغ پەيدا بولىدۇ، مانا بۇ ئاتالمىش " تۇغۇت دېغى"دۇر، بۇنىڭدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، تۇغۇتتىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن يوقايدۇ.