ھامىلىدارلىقنىڭ 4-ھەپتىسىدىكى يېمەكلىك ئوزۇقلۇق كۆرسەتكۈچى
ۋاقتى: 2016-06-27
ئاۋاتلىقى: 708 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ 4-ھەپتىسى، ھامىلىدار ئايالنىڭ ھەر كۈنى ئىستېمال قىلىدىغان يوپۇرماق كىسلاتاسى تەخمىنەن بىر مىللىگىرامغا يېتىشى لازىم. يوپۇرماق كىسلاتاسى كەم بولسا، تۆرەلمە ھۈجەيرىلىرىنىڭ بۆلۈنۈشى توسالغۇغا ئۇچراپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ بۆلۈنۈشىنىڭ غەيرىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا تۆرەلمىنىڭ يېتىلىشى غەيرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
بازاردا سېتىلىۋاتقان يوپۇرماق كىسلاتاسىدىن باشقا، تۈرلۈك يېشىل كۆكتاتلاردىن پالەك، مەرۋايىتگۈل، سېلاند گۈلى ۋە ھايۋانات جىگىرى، بۆرىكى، تۇخۇم، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، ئېچىتقۇ (خېمىرتۇرۇچ)، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار، مېۋە-چېۋىلەر، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر ۋە دانلىق زىرائەتلەر قاتارلىقلاردىمۇ يوپۇرماق كىسلاتاسى مول بولىدۇ. مۇشۇلارنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.ئانا بولغۇچىلار ئاچچىق چۈچۈك غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكەرنى ئاز يېيىشى ۋە چاي ۋە قەھۋەنى كۆپ ئىچمەسلىكى كېرەك.