ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىكى سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسىنىڭ يۇقۇملىنىشى
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە يەنە ئاسانلا سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسىنىڭ يۇقۇملىنىشى كۆرۈلىدۇ. چۈنكى ئاياللارنىڭ سۈيدۈك يولى بىرقەدەر كەڭ ۋە تۈز، ئارانلا 4 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولىدۇ، ئېچىلىش ئېغىزى، جىنسىي يول ئېغىزى ۋە مەقئەتكە ناھايىتى يېقىن، بۇ ئورۇنلاردا دائىم ماددىلارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئېلىپ بېرىلىدۇ، شۇڭا ناھايىتى ئاسانلا سۈيدۈك يولىنىڭ يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، باكتېرىيە سۈيدۈك يولىنى بويلاپ سۈيدۈك يولىنى يۇقۇملاندۇرىدۇ. ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن سۈيدۈك توشۇش نەيچىسى ئۇزىراپ، توملىشىدۇ، شۇنداقلا ھامىلىدارلىق ھورمونىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، نەيچە دىۋارىدىكى سىلىق مۇسكۇل بوشاپ كېتىدۇ-دە، لۆمۈلدىتىش رولى ئاجىزلاپ كېتىدۇ.
ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، كېڭىيىپ كەتكەن بالىياتقۇ ۋە سۈيدۈك توشۇش نەيچىسىنى بېسىپ سۈيدۈك يېغىلىپ قېلىش ۋە سۈيدۈك توسۇلۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېغىلىپ قالغان سۈيدۈك سۈيدۈك يولى شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپلا قالماستىن، يەنە مىكروبلارنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلىدارلىقتىن كېيىن سۈيدۈكتىكى گىلوكوزا، ئاممىياك قاتارلىقلاردىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار ئاشىدۇ، بۇنداق بولغاندا باكتېرىيىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىلىدۇ.
يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىكى ئاياللارنىڭ سۈيدۈك يولىدا ناھايىتى ئاسانلا يۇقۇملىنىش كۆرۈلىدۇ. شۇڭلاشقا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە مۇشۇ خىل ئامىللارغا قارىتا مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللانغاندا سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسىنىڭ يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، شۇنداقلا ئازايتقىلى بولىدۇ.