ھامىلىدار بولغىلى 32 ھەپتە بولغاندا دادا بولغۇچى نېمىلەرگە قىلىشى كېرەك؟
ۋاقتى: 2016-06-15
ئاۋاتلىقى: 589 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
دادا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن خۇلاسە
ھامىلىدارلىقنىڭ 32 ھەپتىسىگە كەلگەندە دادا بولغۇچى ئايالىنىڭ تۇغۇتى ئۈچۈن ھەر تەرەپتىن تەييارلىقنى ياخشى قىلىپ قويۇشى كېرەك، ئايالىغا ياردملىشىپ تۇغۇتقا بولغان قورقۇنچ پىسخىكىسىنى يوقىتىپ، ھامىلىدار ئانىنىڭ ئوزۇقلۇق بىلەن ئارام ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، تۇغۇش ئۈچۈن داۋاملىق ئېنېرگىيە توپلاپ ئائىلىدە ياخشى كۈتۈنۈپ بالدۇر تۇغۇتنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
بۇنىڭدىن باشقا، دادا بولۇشقا سىزنىڭ تەييارلىقىڭىز پۈتتىمۇ؟بالىڭىزنىڭ تۇغۇلىشى ئۈچۈن يېتەرلىك پىسخىكا تەييارلىقى قىلىپ بولدىڭىزمۇ؟بالىنىڭ بۇ دۇنياغا كېلىشى ئائىلىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنىڭ يۆتكىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ دادىنىڭ نوپۇزى خىرىسقا ئۇچراپ ئايالىڭىزنىڭ سىزگە بولغان دىققىتىدىمۇ ناھايىتى چوڭ دەرىجىدە ئۆزگىرىش بولۇپ بالىغا يۆتكىلىدۇ. ھازىر بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئويلىشىدىغان ۋاقىت، بولۇپمۇ ئىشلىگەن ۋاقىتتىمۇ تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك. بالا تۇغۇلسىلا سىزنىڭ بالا ھەم ئانىسى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدىغان يېتەرلىك ۋاقتىڭىز بارمۇ؟سىزنىڭ ھەر ھەپتىدىكى چەكلىمىلىك ئىككى كۈن ۋاقتىڭىزنى قانداق ئورۇنلاشتۇرىسىز؟بۇنىڭ ھەممىسى ئاتا-ئانىنىڭ ئالدىن ئويلىشىدىغان مەسلىسىدۇر.