ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھەيز دەۋرىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ خەتىرى

ھەيز دەۋرىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ خەتىرى

ۋاقتى: 2016-03-07 ئاۋاتلىقى: 789 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بەزىدە تازا ھاياجانلانغاندا، بىر قىسىم ئەر-ئاياللار ھەيز تازىلىقىغا دىققەت قىلىپ كېتەلمەيدۇ. تەلەيلىكىلىرى بۇ جەرياندا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلسىمۇ يۇقۇملىنىش بولمايدۇ، بىراق بۇ ھەيز كېلىش مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشنىڭ خىيىم-خەتىرى يوق دېگەنلىك ئەمەس. تېببىي تەتقىقاتلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ھەيز مەزگىلىدە بالىياتقۇنىڭ ئىچكى پەردىسى تۆكۈلۈپ كېتىپ، بالىياتقۇ بوينىدا نۇرغۇنلىغان كىچىك يارىچىلار شەكىللىنىدۇ. ئەگەر بۇ جەرياندا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا، نۇرغۇنلىغان كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


1. ئادەتتە توسۇلۇپ قالغان باكتېرىيەلەر مۇشۇ ۋاقىتتا كىچىك يارا ئېغىزىغا كىرىپ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا ياللۇغ تەرەققىي قىلىپ بالىياتقۇ پەردىسىنىڭ چاپلىشىپ قېلىشىنى ۋە ئاخىرىدا ھامىلىدار بولالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
2. ھەيز مەزگىلىدىكى قاننىڭ ئېقىپ چىقىپ كېتىشى توسالغۇغا ئۇچرىشى مۇمكىن، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ پارچىلىرى قان بىلەن قورساق بوشلۇقى ۋە ئۇرۇق يەتكۈزۈش نەيچىسىگە كىرىپ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ئورۇن بىنورمال بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مۇشۇ سەۋەبتىن ھامىلىدار بولالمايدىغانلار نورمال كىشىلەرنىڭ %20 تىنى ئىگىلەيدۇ. 
3. ئىسپېرما بىلەن يارا ئېغىزىدىكى ھۈجەيرە ئۇچرىشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىممونىتېتلىق ھۈجەيرە سەزگۈرلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسپېرما ئانتىتېلاسىنى ھاسىل قىلىدۇ. 
يۇقىرىقى ئامىللارنىڭ ھەممىسى ھامىلىدار بولالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بەزىلەر مەڭگۈ بالىلىق بولالمايدۇ، بولۇپمۇ شەكىللەنگەن ئىسپېرما ئانتىتېلاسى نەچچە يىل، ھەتتا نەچچە ئون يىل ساقلىنىپ قېلىپ، جاھىل خاراكتېرلىك ھامىلىدار بولالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ھەيز مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك، بۇ ئۆزىنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىنى قوغداشقا پايدىلىق. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى