يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ 4-ھەپتىسى ھامىلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە ئۇخلاش ھالىتى قانداق بولسا ياخشى؟
بۇ ۋاقىتتا تۆرەلمە يەنىلا داس بوشلۇقىدا بولىدۇ، سىرتقى دۇنيانىڭ بېسىمى ياكى بەدەننىڭ ئۆزىنىڭ بېسىمى چوڭ بولمايدۇ، شۇڭلاشقا ئۇخلاش ھالىتى قانداقلا بولسا بولىۋېرىدۇ. راھەت بولسىلا بولدى. ئوڭدا ياتسىمۇ، تۈگۈلۈپ ياتسىمۇ مەيلى. بىراق دۈم ياتسا ياكى بىرەر نەرسىنى قۇچاقلاپ ياتسا ياخشى ئەمەس. ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا ئاخىرقى مەزگىلدە ئامال بار سول يېنىچە يېتىش پايدىلىق، بۇنداق بولغاندا بالىياتقۇنىڭ ئوڭ تەرەپكە ئايلىنىپ يوغىنىشىنى توغرىلاپ، بالىياتقۇنىڭ قورساق باش ئارتېرىيە تومۇرى ۋە يانپاش ئارتېرىيە تومۇرىغا بولغان بېسىمىنى يېنىكلىتىپ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، ھامىلىگە قان تولۇقلاپ، ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ.