ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلار تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى

بوۋاقلار تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى

ۋاقتى: 2016-07-24 ئاۋاتلىقى: 695 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بوۋاقلار تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى 

نۆۋەتتە بازارلاردا سېتىلىۋاتقان بوۋاقلار تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنىڭ قېپىدا يېقىشلىق، ساپ دېگەندەك خەتلەر بولسىمۇ، بەزى بىر قىسىملىرىدا فورمالدېھىد قاتارلىق زىيانلىق تەركىبلەر بار، شۇڭا بوۋاقلارغا تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى جىق ئىشلەتمەسلىك كېرەك. 

سۇيۇق بولىدۇ

ئادەتتە بوۋاقلار تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنىڭ سۇ مىقدارى كۆپ. ئاسان سۈرتىۋەتكىلى بولىدۇ، يېپىشقاق تۇيغۇ بولمايدۇ، بولمىسا بوۋاقلارنىڭ تەر توشۈكچىلىرىنى ئېتىۋالىدۇ.  ئادەتتە يۇيۇنۇش سۇيۇقلۇقى،چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى چوڭلارنىڭكىدىن سۇيۇق بولىدۇ. 

سىڭشچانلىقى كۈچلۈك

 بوۋاقلارغا تازىلاش تۈرىدىكى تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن،تېرىسىنى سىلىغاندا نەرسە يېپىشىۋالغاندەك تۇيغۇ بولسا،بۇ خىل مەھسۇلاتنىڭ بوۋاقلانىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كەلمەيدىغىنىنى بىلدۇرىدۇ. ياكى مەھسۇلاتتا مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 

ماغزاپ ئاز بولىدۇ

ماغزىپى كۆپ مەھسۇلاتلارنىڭ بەلگىلىك غىدىقلاش تەسىرى بولىشى مۇمكىن،شۇڭا    ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.    كىچىك ماغزاپلار بولسىلا كۇپايە. 

پۇرىقى سۈزۈك ساپ بولىدۇ. 

پۇرىقى ساپ تەبئىلىرىنىڭ غىدىقلاشچانلىقىمۇ ئاجىز         بولىدۇ. 

بوۋاقلار تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى سېتىۋالغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

 زىيانلىق ماددىلارنىڭ كىرىپ قېلىشىنڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قېپى ئاسان ئېچىلمايدىغان، ئاسان يىرتىلمايدىغان تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى تاللاش كېرەك. 
ئادەتتە بوۋاقلار تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى ئاز ئىشلىتىلىدۇ، بىر دانە مەھسۇلاتنى خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلەتكىلى       بولىدۇ. شۇڭا ئىمكانقەدەر قاچىلىنىشى كىچىك مەھسۇلاتلارنى تاللاش كېرەك. 

رەڭلەندۈرگۈچ پارقىراتقۇچ ئىشلىتىلگەن مەھسۇلاتلارنى    ئىشلەتمەسلىك ۋە سېتىۋالماسلىق كېرەك.  بوۋاقلار تېرە    ئاسراش بۇيۇملىرىغا پۇراقلىق ماتىرىياللار ئاز ئىشلىتىلگەن ياكى ئىشلىتىلمىگەن بولۇشى كېرەك. چۈنكى پۇراقلىق ماتىرىياللارنى تەييارلايدىغان خام ماتىرىياللارنىڭ تېرىنى        غىدىقلاش تەسىرى بار. 

بوۋاقلار تېرە    ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا  ئەگەر بوۋاقلاردا كۆزىگە قان تولۇش،ياش ئېقىش،تېرىلىرىدە قىزىرىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە ئىشلىتىشتىنى  دەرھال توختىتىش كېرەك. 

ھەرگىز قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك كېرەك. 

بوۋاقلار تېرە    ئاسراش بۇيۇملىرىنى سېتىۋالغاندا،چوقۇم مۇنتىزم ماگىزىنلاردىن سېتىۋېلىش، ھەمدە پۇراقلىق ماتىرىياللار، رەڭلەندۈرگۈچ، پارقىراتقۇچ ئىشلىتىلگەن مەھسۇلاتلارنى تاللىماسلىق لازىم.  مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش  ئىجازەتنامىسى، سەھىيە ئىجازەتنامىسى، ئىجرا قىلىش ئۆلچىمى، قانداق تېرىلەرگە ماس كېلىدىغانلىقىنى، ساقلىنىش مۇددىتى قاتارلىقلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى