ھامىلىدارلىقنىڭ تۇنجى ھەپتىسىدىكى دادا بولغۇچىنىڭ بۇرچى
يانفوندا كۆرۈش
تېببىيدا، ھامىلىدارلىقنىڭ تۇنجى ھەپتىسى، ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي ھامىلىدار بولغانلىق ھېسابلانمايدۇ، بۇ ۋاقىتتا، دادا بولغۇچى چوقۇم ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى تەييارلىقنى ياخشى قىلىشى كېرەك .
بالىلىق بولۇشنى پىلان قىلغاندىن كېيىن، دادا بولغۇچى چوقۇم ئوزۇقلۇققا ئەھمىيەت بېرىشى، قۇۋۋەتكە تولغان بولۇشى كېرەك. يېمەك-ئىچمەك ئەتراپلىق، تەڭپۇڭ بولۇشى، قالايمىقان يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىشى، ھاراق ئىچمەسلىكى، تاماكا چەكمەسلىكى شۇنداقلا قەھۋە ئىچمەسلىكى كېرەك. بۇ نۇقتىنى ئورۇندىغاندىلا، ئاندىن ئۇرۇقنىڭ ساغلام بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇرۇقلىنىش ۋە سۈپەتلىك تۇغۇشقا ئاساس سالغىلى بولىدۇ. ئەگەر سىز بۇ ۋاقىتتا كېسەل بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى بالىلىق بولۇش ۋاقتىنى كەينىگە كېچىكتۈرۈپ، كېسىلىڭىز ساقايغاندا ئاندىن تەييارلىق كۆرسىڭىز بولىدۇ.