ھامىلىدارلىقنىڭ 35-ھەپتىسىدە ھامىلە ھەرىكىتى ئاجىزلاپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟
ۋاقتى: 2014-02-11
ئاۋاتلىقى: 642 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
جاۋاب: ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە سىزنىڭ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغىنىڭىز ھامىلىنىڭ مىدىرلاش قېتىم سانى ھەرگىزمۇ ھامىلە ھەرىكىتىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى ئەمەس، چۈنكى ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ھامىلە چوڭلايدۇ، ھامىلىنىڭ بەدىنى بالىياتقۇ ئىچىدە پەقەت تۈگۈلگەن ھالەتتە تۇرىدۇ، ھەرىكەت قىلىش بوشلۇقى چەكلىمىگە ئۇچرىغان ئىكەن ئەلۋەتتە ھەرىكىتى جانسىز بولىدۇ، بۇ نورمال ئەھۋال. ئادەتتە ئەتىگەن، چۈش، كەچتە ھامىلىنىڭ ئوتتۇرىچە مىدىرلاش قېتىم سانى 5-10 قېتىم ئەتراپىدا بولىدۇ، 5 تىن ئاز بولسا بىنورمال ھېسابلىنىدۇ.