ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قەھۋەنى كۆپ ئىچىش ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق

قەھۋەنى كۆپ ئىچىش ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق

ۋاقتى: 2016-09-21 ئاۋاتلىقى: 746 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قەھۋە بارغانسېرى كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشمەكتە. لېكىن قەھۋەنىڭ زىيىنى كۆپ بولۇپ، ئۇنى كۆپ ئىچىشكە بولمايدۇ، بولۇپمۇ ئاياللار ئۈچۈن ئېيتقاندا تېخىمۇ شۇنداق. قەھۋەنىڭ روھلاندۇرۇش رولى بولسىمۇ، ئاياللار ئۇنى كۆپ ئىچكەندە، ئاياللارغا تۆۋەندىكىدەك يوشۇرۇن ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ:
1. تۇغماسلىققا سەۋەب بولىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، ھەر كۈنى بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچىدىغان ئاياللاردا قەھۋە ئىچمەيدىغان ئاياللارغا قارىغاندا تۇغماسلىق ئەھۋالى كۆپ كۆرۈلىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر قەھۋە ئىچىش ئادىتى بار 104 ئايالنى تەكشۈرۈپ، ئۇلاردىن تەخمىنەن 50 ئايالدا دېگۈدەك تۇغماسلىق كېسىلى بارلىقىنى بايقىغان.


2. يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئامېرىكا بوستون ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممىۋى سەھىيە ئىنستىتۇتىدىكى تېببىي مۇتەخەسسىسلەر يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولغان 45 ياشتىن 69 ياشقىچە بولغان 858 ئايال ۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولمىغان 858 ئايالنى تۆت يىل تەكشۈرگەن. نەتىجىدە، ھەر كۈنى بەش ئىستاكان ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ قەھۋە ئىچىدىغان ئاياللاردا يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ خەتىرى %70 ئېشىپ كېتىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ خەتىرى قەھۋە ئىچىش قېتىم سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئېشىپ بارىدىغانلىقى بايقالغان.



3. سۆڭەك شالاڭلىشىشقا سەۋەب بولىدۇ. ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلار 50 ياشتىن 98 ياشقىچە بولغان 980 ئايالنى تەكشۈرگەن. نەتىجىدە ھەر كۈنى ئىككى ئىستاكان ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ قەھۋە ئىچىدىغان، لېكىن سۈت ئىچمەيدىغان ئاياللارنىڭ مەيلى يېشى ياكى سېمىزلىكىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ يانپاش سۆڭىكى، ئۇمۇرتقا سۆڭىكىنىڭ زىچلىق دەرىجىسىنىڭ ناھايىتى تۆۋەنلىكى، شۇنداقلا سۆڭەك زىچلىقىنىڭ تۆۋەنلىكىمۇ ئۇلارنىڭ قەھۋە ئىچىش ۋاقتىنىڭ ئۇزاق – قىسقىلىقى ۋە ئىچىش مىقدارىنىڭ ئاز – كۆپلۈكى بىلەن مۇناسىۋەتلىكلىكى بايقالغان. بۇ، كوففېئىننىڭ بەدەندىكى ئەركىن كالتسىي بىلەن بىرلىشىپ، سۈيدۈك ئارقىلىق چىقىپ كېتىپ، ئەركىن كالتسىينىڭ ئازىيىپ كېتىشى، پارچىلىنىشىغا سەۋەب بولۇپ، سۆڭەك شالاڭلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئىكەن.
4. ھامىلىدارلارنىڭ قەھۋە ئىچىشى ھامىلىگە پايدىسىز. ئامېرىكا يېمەك – ئىچمەك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى دوكتورلار ھامىلىدار بولغان ئاق چاشقانغا ھەر كۈنى نىسبەت بويىچە ئادەم ئىچىدىغان 12 – 24 ئىستاكان قېنىق قەھۋەنىڭ مىقدارىغا تەڭ كېلىدىغان يېمەكلىكنى بەرگەن. نەتىجىدە ھامىلىدار چاشقان غەيرىي چاشقان تۇغقان. شۇڭا ھامىلىدار ئاياللار قەھۋە ئىچمەسلىكى لازىم.
5. ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىمى يىغىندى كېسىلى ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ، ھامىلىدارلاردا كۆرۈلىدىغان كېسەل بولۇپ، ئاغرىقلاردا ئىششىش، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە سۈيدۈكتە ئاقسىل كۆرۈلۈش ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنى ۋاقتىدا داۋالاتمىغاندا، ئانا – بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ھامىلىدار ئاياللار قەھۋەنى كۆپ ئىچسە، تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ قەنت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.

 

دوستلاردىن چەمبىرىكىدىن ئېلىندى، تەمىنلىگەن قېرىندىشىمىزغا رەھمەت ئېيتمىز!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى