قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىشتە، ئالدىنى ئېلىش داۋالاشتىن مۇھىم
يانفوندا كۆرۈش
نۆۋەتتە، ئاتا-ئانىلار تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىنى قىلالىسا، قوغۇشۇن زەھىرىنىڭ بالىغا بولغان زىينىنى ئازايتالايدۇ:
بالىغا دائىم قول يۇيىدىغان ئادەت يېتىلدۈرگۈزۈش، بولۇپمۇ تاماقتىن بۇرۇن قولىنى يۇيغۇزۇش.
بالىنىڭ تىرناقلىرىنى پات-پات ئېلىپ تۇرۇش، تىرناق ئاراچلىرى بولسا قوغۇشۇن ئۇۋاقلىرى ئاسانلا كىرىۋالىدىغان ئورۇن. بالىنىڭ ئوينايدىغان ئويۇنچۇقلىرى ۋە بىر قىسىم بالىلار تۇتۇش ۋە ئاغزىغا سېلىشى مۇمكىن بولغان نەرسىلەرنى پات-پات يۇيۇپ تۇرۇش لازىم.
بالىغا قەرەلىدە تاماق يېگۈزۈش لازىم، قورساق ئاچقاندا ئۈچەيدىكى سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. كۈندىلىك تاماقتا كالتىسىي، تۆمۈر ۋە سىنىك قاتارلىقلارنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، كۆرۈنەرلىك قوغۇشۇندىن بۇلغىنىش بولمىغان جايلاردا، يېنىك دەرىجىدە زەھەرلەنگەن بىمارلارغا نىسبەتەن قوغۇشۇن ھەيدەش ۋە ساغلاملىق ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك، ھەر كۈنى 1-2 بوتۇلكا سۈت ئىچىپ بېرىش لازىم. بالىغا قوغۇشۇن تەركىبى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى مەسىلەن: ھاك بىلەن پىشۇرۇلغان تۇخۇم، قوماچ، ئىچىملىكلەرنى ئىمكانقەدەر ئاز يېگۈزۈش لازىم.
ئاز بىر قىسىم قوغۇشۇن ھەيدەش دورىسى ئىشلىتىش زۆرۈر بولغان ئېغىر دەرىجىدىكى قوغۇشۇندىن زەھەرلەنگەن بالىلارنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىش كېرەك. نۆۋەتتە كىلىنىكىدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان دورا ناترىي دى تىئو سۇكسىنات ۋە ئىتا كىسلاتا ناترى كالتسى، بالىلار ساقلىقنى ساقلاش مۇتەخەسسىسىنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىش لازىم.