ھامىلىدارلىقنىڭ 10-ھەپتىسىدە بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇپ قالسا سەزگىلى بولامدۇ؟
ۋاقتى: 2016-06-18
ئاۋاتلىقى: 668 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بالىياتقۇ سىرتىدا تۆرەلگەن تۆرەلمىنىڭ ئورنى ھەرخىل بولۇشى مۇمكىن، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى بوغۇزىدا تۆرەلمە تۆرەلسە، 6-ھەپتىسىنىڭ ئالدى-كەينىدە تۇخۇم توشۇش نەيچىسى يېرىلىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ ئامپۇللاسىدا تۆرەلگەن تۆرەلمە چۈشۈپ كېتىش ئەھۋالى ھامىلىدارلىقنىڭ 8~12-ھەپتىسى كۆرۈلىدۇ. نەيچىنىڭ ئارىلىق قىسمىدا ھامىلە بولۇپ قالسا، 12~16-ھەپتىسى نەيچە يېرىلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، 10-ھەپتە ھېچقانداق ئەھۋال كۆرۈلمىسە، بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇپ قېلىشنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتسەك بولمايدۇ. ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆپ ئەھۋالدا بالا چۈشۈپ كېتىش ياكى تۇخۇم توشۇش نەيچىسى يېرىلىشتىن بۇرۇن كۆرۈلىدۇ، ئاستىنقى قورساقنىڭ بىر تەرىپى يوشۇرۇن ئاغرىيدۇ ياكى تارتىشىپ ئاغرىيدۇ، نەيچە يېرىلغان ۋاقىتتا قاتتىق ئاغرىيدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرتۈپ ئېنىقلاش كېرەك.