ھامىلىدارلىقنىڭ 19-ھەپتىسى ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدىنىدىكى ئۆزگىرىش
ۋاقتى: 2016-08-28
ئاۋاتلىقى: 525 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ 19-ھەپتىسىگە كەلگەندە، ھامىلىدار ئايالنىڭ قورسىقى بارا-بارا يوغىنايدۇ، ئېغىرلىقى بارا-بارا ئاشىدۇ، قورساق كۆتۈرۈلۈپ چىقىدۇ. كىندىكنىڭ تەخمىنەن 1.8 سانتىمېتىر ئاستىدىن ئۆزىڭىزنىڭ بالىياتقۇڭىزنى ئاسانلا تۇتالايسىز. ھامىلىدار ئايالنىڭ ئېغىرلىقى 3~7 كىلوگرام ئەتراپىدا ئاشىدۇ. بەزى ئانا بولغۇچىلارنىڭ تېرىسىدە ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن. ئۈستۈنكى كالپۇك، مەڭىز، پىشانە ئەتراپىدا سۇس داغ پەيدا بولىدۇ. لېكىن بەزى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ يۈز تېرىسىدە بۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ.
ئەگەر ھامىلىدار ئايالنىڭ تېرىسىدە داغ پەيدا بولسا، ئارتۇقچە ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، بۇ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى دائىم كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر. كۆپ ساندىكى ئاياللاردا بۇ خىل داغ تۇغۇتتىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەيلا يوقاپ كېتىدۇ. لېكىن بۇ ۋاقىتتا يەنىلا بىر قىسىم قوغداش خىزمەتلىرىنى ئىشلىشىڭىز كېرەك، مەسىلەن، كۈچلۈك ئاپتاپ نۇرىدىن ساقلىنىش كېرەك.
Tags: