ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلارمۇ تېگىشلىك ‹‹جاپا›› تارتسۇن

بالىلارمۇ تېگىشلىك ‹‹جاپا›› تارتسۇن

ۋاقتى: 2016-07-02 ئاۋاتلىقى: 947 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بالىلارمۇ تېگىشلىك ‹‹جاپا›› تارتسۇن


ئاتا – ئانىلارنىڭ ‹‹ھەرقانچە جاپا تارتساممۇ بالامنى جاپا تارتقۇزمايمەن›› دېگەن گېپىنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز، بۇ گەپتىن ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلارغا بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. مېنىڭچە، بالىلارمۇ ياش – قۇرامىغا ماس كېلىدىغان جاپالارنى تارتىشى لازىم، بۇ يەردىكى مەسىلە، ئاتا – ئانىلارنىڭ ئۇلارغا ‹‹جاپا››نى قانداق تارتقۇزۇشىدا. بالىلارنى ‹‹جاپا›› تارتقۇزۇش ئۇلارغا رەھىمسىزلىك قىلغانلىق، كۆيۈنمىگەنلىك ياكى ئۇلارنى ئاسرىمىغانلىق ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا چېنىقىش پۇرسىتى بەرگەنلىكتۇر.
بىز ئائىلە شارائىتى ياخشى بالىلارنىڭ ئاسانلا تەييارتاپ بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز، بۇنىڭ سەۋەبى ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلارغا جاپا – مۇشەققەت، ئىسسىق – سوغۇق، قىيىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈش ۋە بۇ جەرياندا پىشىش پۇرسىتى بەرمىگەنلىكىدە. ھەممە ئىشنى ئاتا – ئانىسى قىلىپ بەرگەن بالىلار جاھىل، شەخسىيەتچى بولۇپ، ھەممە ئىشنى ئۆزىنىڭ دېگەن يېرىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىدۇ، قۇرداشلىرى بىلەن تۇرمۇشتا، ئۆگىنىشتە ئەمەس بەلكى راھەتپەرەسلىكتە بەسلىشىدىغان پىسخىكىنى يېتىلدۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە جاپا – مۇشەققەت دەل ئۇلارنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولغان ‹‹قۇۋۋەت›› دورىسىدۇر. بالىلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۆزىگە تېگىشلىك جاپالارنى تارتسا، ئۇلارنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ، دادىل، مۇستەقىل ئىش بېجىرىش ئېڭى تېز يېتىلىدۇ. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ‹‹جاپا›› ھەرگىزمۇ ئۇلارنى ئېگىز تاغقا چىقىش ياكى يېزىغا چۈشۈرۈپ چېنىقتۇرۇش ئەمەس، بەلكى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىققا، مەسىلىگە ئۆزىنى يۈزلەندۈرۈپ، قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەندۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق ماددىي جەھەتتىكى نامراتلىقتىن مەنىۋىيىتىمىزدىكى نامراتلىقنىڭ يامانلىقىنى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا بىر خىللا رىتىمدا ياشىغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۈگۈنكى بەختىيار تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلەشنى ھەم جاپا – مۇشەققەتكە چىدايدىغان روھ بولۇشى كېرەكلىكىنى تونۇتۇش دېگەنلىكتۇر. بالىلار تېگىشلىك جاپالارنى تارتقاندىلا، ئاندىن ئاتا – ئانىسىنىڭ قەدرىگە يېتىپ، ئۇلاردىن مىننەتدار بولىدۇ ھەم ئۆزىنىڭ ھايات مۇساپىسىگە ئۇل سالىدۇ.
بەزى ئاتا – ئانىلار بالىغا ياخشى تۇرمۇش شارائىتى يارىتىپ بېرىش، بالىنى جاپا تارتقۇزماسلىق ئۈچۈن، خىزمەت، تىرىكچىلىك ھەلەكچىلىكىدە يۈرۈپ، بالىلىرىغا كۆپرەك ھەمراھ بولالمايدۇ. بۇنداق بالىلار ماددىي جەھەتتە توققۇزى تەل، مۈشكۈلى ھەل بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ روھىي كەيپىياتى سۇلغۇن بولۇپ، پىسخىكا جەھەتتە ئاجىزلاپ، كىشىلىك ئالاقىدە ئۆزىنى باشقىلاردىن تۆۋەن كۆرىدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئىچى سىقىلىپ يالغۇزلۇق ھېس قىلىدۇ، بۇنداق بالىلارنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل بولىدۇ.
مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى