ھامىلىدارلىقنىڭ 16-ھەپتىسىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
يانفوندا كۆرۈش
1. تۆمۈر كەمچىل بولۇشتىن كېلىپ چىققان قان ئازلىق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىشى لازىم
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھامىلىدار ئايالنىڭ تۆمۈرگە بولغان ئېھتىياجى تۆت ھەسسىگە يېقىن ئاشىدۇ، ئانا تېنى كۆپ مىقداردا قوبۇل قىلىدۇ. ئەگەر ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرىكى قان ئازلىق ئەھۋالى كۆرۈلسە، ھامىلىدار ئايالدا تۆمۈر كەمچىل بولۇشتىن كېلىپ چىققان قان ئازلىق كېسىلى ئاسان كۆرۈلىدۇ، ئاقىۋەت قان ھۈجەيرىسىنىڭ ئوكسىگېننى توشۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، ھامىلىگە ئوكسىگېن يېتىشمەي، ھامىلىنىڭ ئۈلۈشى ۋە بۇرۇن تۇغۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۆمۈر كەمچىل بولۇشتىن كېلىپ چىققان قان ئازلىق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئانا بولغۇچى يېمەكلىكتىن تۆمۈر ماددىسىنى قوبۇل قىلىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى لازىم.
2. ئۆزىنىڭ قورساق ئايلانمىسىنى ئۆلچەشنى ئۆگىنىش
16-ھەپتىدىن باشلاپ، ئانا بولغۇچى قورساق ئايلانمىسىنى ئۆلچەشنى ئۆگىنىشنى باشلىسا بولىدۇ. كونكرېت ئۇسۇلى :
كىندىك قىسمىنى ئۆلچەم قىلىپ قورساقنى تەكشى بىر ئايلاندۇرۇپ، ئۆلچەنگەن قىممەت قورساق ئايلانمىسى ھېسابلىنىدۇ. قورساق ئايلانمىسى ھەر ھەپتىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 0. 8 سانتىمېتىر يوغىنايدۇ، ھامىلىدار بولۇپ 20 –ھەپتىدىن24-ھەپتىگىچە يوغىنىشى ئەڭ تېز بولىدۇ، 34 ھەپتىدىن كېيىن قورساق ئايلانمىسىنىڭ يوغىناش سۈرئىتى ئاستىلايدۇ، ئەگەر 16 ھەپتىلىك بولغاندا ئۆلچەنگەن قورساق ئايلانمىسىنى ئاساس قىلساق، ئاي توشقاندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 21 سانتىمېتىر بولىدۇ. بىراق مۇشۇ بويىچە چوڭايسا، ئانا بولغۇچىنىڭ ئەنسىرىشىنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى ھەممە ئادەمنىڭ ئەھۋالى ئوخشاش بولمايدۇ.
3. ئىشتىن سىرتقى ھەرىكەتنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ياردىمى بولىدۇ
ئانا بولغۇچى سىرتلارغا مۇۋاپىق چىقىپ ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلىشى، ئاپتاپلارغا قاقلىنىشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا ئانىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاشىدۇ، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگىمۇ پايدىلىق. قۇياش نۇرى بىلەن ئۇچرىشىشتا ھاۋا-كىلىمات ۋە ئادەملەرنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىش لازىم. ئانا بولغۇچى سىرتلاردا سەيلە قىلغاندا دادا بولغۇچى "قوغدىغۇچى" بولۇپ، ئانا بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇنىڭغا بولغان كۆيۈنۈش ۋە قوللىشىنى ئىپادىلىسە بولىدۇ.
4. ھامىلىنىڭ جىنسىغا ھۆكۈم قىلىش
ھامىلىدار بولغان شۇ مىنۇتتىن باشلاپ، دادا، ئانا بولغۇچى ھامىلىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشىدۇ، سىز بوۋىقىڭىزنىڭ ئوغۇل ياكى قىز ئىكەنلىكىنى بىلىشكە ئالدىرامسىز ياكى ئەڭ ئاخىرى ئاشكارا بولۇشىنى ساقلامسىز؟ قانداقلا بولمىسۇن ئەتراپىڭىزدا تارقىلىپ يۈرگەن ھامىلىنىڭ جىنسنى ئايرىش ئۇسۇللىرىنى راست دەپ ئىشىنىپ قالماڭ.