ھامىلىدارلىقنىڭ 5-ئېيىدىكى ھامىلىدار ئاياللار چېچىنىڭ پەرۋىشى
ۋاقتى: 2016-07-28
ئاۋاتلىقى: 562 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئالامەتلەر: ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن، ھورمۇندىكى ئۆزگىرىش سەۋەبىدىن، چاچنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى تېزلىشىدۇ، بۇرۇنقىغا قارىغاندا پارقىراقلىقى ئاشىدۇ، لېكىن مايلىق چاچ تېخىمۇ مايلىشىپ، قۇرغاق چاچ تېخىمۇ قۇرغاقلىشىپ، چۈرۈكلىشىپ كېتىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە چاچ چۈشۈشمۇ كۆپ بولىدۇ.
ھەل قىلىش ئۇسۇلى: ئۆزىگە ماس كېلىدىغان مۇۋاپىق چاچ سوپۇنى ۋە چاچ ئاسراش مەلھىمىنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك. چاچنى دائىم يۇيۇپ تۇرۇش كېرەك. كۈنجۈت، ياڭاق، ئورۇق گۆش ۋە يېڭى مېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش چاچقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى كالتسىي، سېنىك، مىس ۋە ۋېتامىن C قاتارلىق ماددىلار ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن زۆرۈردۇر.
Tags: