ئەرلەر تويدىن بۇرۇن ئىسپېرما سۇيۇقلۇقىنى چوقۇم تەكشۈرتۈشى كېرەك
ۋاقتى: 2016-07-25
ئاۋاتلىقى: 692 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
كۆپچىللىككە ئايان، ساغلام بالا بولۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ساغلام ئىسپېرما ۋە تۇخۇمنىڭ بېرىكىشى بولۇشى كېرەك. شۇڭا ئەرلەر تويدىن بۇرۇن چوقۇم ئىسپېرمىسىنى تەكشۈرتۈش كېرەك.
ئەرلەرنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىش ۋە كۆپىيىش سىستېمىسىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادقا بولغان تەسىرى خېلىلا چوڭ، شۇڭا بۇ مەخپىي ئورۇننىڭ تەكشۈرتۈشى ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر ئۆزىنىڭ ئۇرۇقدېنىنىڭ يېتىلىشىدە مەسىلە باردەك ھېس قىلسا، ئەڭ ئاۋۋال ئاتا-ئانىسىدىن ئۆزىنىڭ كىچىك ۋاقتىدا گۈرەن بەز ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان-بولمىغانلىقىنى، يۇشۇرۇن ئۇرۇقدانلىق ئەھۋالىنىڭ بار-يوقلىقى، ئۇرۇقدان ئوپېراتسىيەسى قىلغان-قىلمىغانلىقى، ئۇرۇقداننىڭ ئىششىپ قىلىش ئەھۋالى، غىلاپ پەردىسىدە سۇ يىغىلىپ قالىدىغان ئىش بولغان-بولمىغانلىقى، يانتۇ پەتەف (斜疝)، سۈيدۈك يولىدا يىرىڭ بولغان-بولمىغانلىقى قاتارلىقلارنى ئېنىق سوراپ، دوختۇرغا تولۇق ئېيتىپ بېرىشى ۋە ئەستايىدىل تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىشى ۋە مەسلىھەت سوراش كېرەك.
Tags: