ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەر بىلەن ئىرسىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ؟

بالىلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەر بىلەن ئىرسىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ؟

ۋاقتى: 2013-05-26 ئاۋاتلىقى: 628 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تىپىك بولغان ئىرسىي كېسەللىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى كەم ئۇچرايدىغان كېسەللىك، لېكىن ئەمەلىيەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك بىلەن ئىرسىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى بار.  يېڭى تۇغۇلغان بالىلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان غەيرى مېڭىسىز ۋە ئومۇرتقىسى يېرىق، تۇغما يۈرەك كېسىلى، ئىچىگە قايرىلغان ئات تۇياقسىمان پۇت، يېرىق تاڭلاي، يېرىق كالپۇك قاتارلىقلار، يەنە بىر قىسىم چوڭلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان جاراھەت كېسىلى، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ مۇناسىۋىتى بار. 


ئىرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى بىر قانچە ھەتتا نۇرغۇنلىغان كېسەل كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى گېنلارنىڭ ئورتاق تەسىرى ئاستىدا پەيدا بولغان.
ئىرسىيەت ئىلىمىدە بۇ كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرنى «كۆپ گېنلىق ئىرسىي كېسەللىك» قاتارىغا كىرگۈزىدۇ.  كۆپ گېنلىق ئىرسىي كېسەللىكلەرنىڭ توپلىشىپ كېسەل پەيدا قىلىش نىسبىتى مىڭدە بىر پىرسەنتنىڭ ئۈستىدە، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېسەللەرنىڭ تۈرىمۇ ئاز ئەمەس، ئۇلار نۇرغۇنلىغان ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئىگە.


 
1. كۆپ گېنلىق ئىرسىي كېسەللىكلەرنىڭ بىمارنىڭ تۇغقانلىرى ئىچىدە يۈز بېرىش نىسبىتى ئادەتتىكى كىشىلەر توپىغا قارىغاندا يۇقىرى بولۇپ، بەلگىلىك ئۇرۇقداشلىققا ئىگە. 
2. بىمارنىڭ تۇغقانلىرى ئىچىدە كېسەل يۈز بېرىش نىسبىتى شۇ ئۇرۇق ئىچىدىكى ئىلگىرى بار بولغان كېسەللىك سانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئىلگىرى بار بولغان كېسەل سانى قانچە كۆپ بولسا، كېسەل پەيدا بولۇش خەتىرىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. 
3. كۆپ گېنلىق كېسەلنىڭ بىمارنىڭ تۇغقانلىرى ئىچىدە يۈز بېرىش نىسبىتى يەنە بىمارنىڭ ئۆزىدىكى كېسەللىكنىڭ ئېغىر -يېنىكلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، كېسەللىك ئەھۋالى قانچە ئېغىر بولسا، ئۇرۇق ئىچىدىكى ئەزالاردا يۈز بېرىش خەتىرى شۇنچە چوڭ. 
4. بەزى كۆپ گېنلىق ئىرسىي كېسەللىكلەردە جىنسىي پەرق بار.  ئادەتتە،  بىمار كېسەل يۈز بېرىش نىسبىتى تۆۋەنرەك بولغان جىنسقا تەۋە بولسا، تۇغقانلىرىدا كېسەل يۈز بېرىش خەتىرى سەل يۇقىرى، كېسەل يۈز بېرىشى تۆۋەنرەك بولىدۇ. 
5. كۆپ گېنلىق ئىرسىي كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىدە ئادەتتە روشەن ئىرقىي پەرق بار. 
6. كۆپ گېنلىق ئىرسىي كېسەللىك ئوخشاش تۇخۇملۇق قوشكېزەك بىلەن ئوخشاش بولمىغان تۇخۇملۇق قوشكېزەك بالىلاردا يۈز بېرىش نىسبىتىدە روشەن پەرق بار. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى