ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئوغۇل تۇغۇلۇشنىڭ سىرى(3)

ئوغۇل تۇغۇلۇشنىڭ سىرى(3)

ۋاقتى: 2016-01-20 ئاۋاتلىقى: 969 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

پەرىشتە ئانا-بالا تورى ئالاھىدە ئەسكەرتىشى:

بۇ خەنزۇتىلىدىكى بىر نوپۇزلۇق تور بەتتىن تەرجىمە قىلىنغان ماتېرىيال بولۇپ، بىزنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزگە پۈتۈنلەي ماس كېلىشى ناتايىن، بۇ مەزمۇندىن پەقەت مەلۇم چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولغىلى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا قېرىنداشلارنىڭ بۇ يازمىلاردىكى ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىمەن دەپ بىزنىڭ ئەخلاق ۋە ئۆرپ-ئادەت چىگرىمىزدىن ھالقىپ كەتمەسلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز!


ئوغۇل تۇغۇلۇشقا پايدىلىق يېمەكلىكلەر
قۇرت-ئوت ئۆردەك شورپىسى
【ماتېرىيالى ۋە تەمىنى تەڭشەش】
ئۆردەكنىڭ يېرىم پارچىسى، قۇرت–ئوت 2 تال، 1 قوشۇق تۇز
【تەييارلاش ئۇسۇلى】
ئۆردەكنى پارچىلاپ توغرايمىز، پاكىزە يۇيىمىز، ئازراق شورپا قىلىپ، سۈزۈۋالىمىز. 
قۇرت-ئوتنى پاكىزە يۇيۇپ، ئۆردەك گۆشى بىلەن قوشۇپ قازانغا سېلىپ 6 چىنە  سۇ قۇيىمىز. 
ئىككىنچى قەدەمنى چوڭ ئوتقا ئالماشتۇرۇپ، قايناتقاندىن كېيىن، يەنە كىچىك ئوتقا تەڭشەپ ئۆردەك گۆشىنى پىشۇرىمىز، ئاخىرىدا تۇز سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ ئوتنى ئۆچۈرىمىز.

【رولى】
مۇسپەتنى كۈچەيتىپ، ئىسپېرمىنى تولۇقلايدۇ، تەن ساپاسىنى ياخشىلايدۇ. ئەرلەردىكى بەدەن ئاجىزلىقى، ياڭچى(阳气) روھسىزلىنىش ھەمد ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇش ئارزۇسىدىكىلەر، بەل سىرقىراپ ئاغرىيدىغانلار، توڭلايدىغانلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 
قۇر-ئوت بولسا ئۆپكىنى ياشارتىپ، بۆرەك قۇۋۋەتلەشتىكى ئاساسلىق يېمەكلىك.

تەھرىر تەۋسىيەسى:

ئوغۇل تۇغۇلۇشنىڭ سىرى(1)  

ئوغۇل تۇغۇلۇشنىڭ سىرى(2) 

قىز تۇغۇلۇشنىڭ مەخپىيىتى

 

قىز ياكى ئوغۇل تۇغۇلۇش تېمپېراتۇرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ
ھاۋا بەك سوغۇق بولسا بىللە بولۇش خۇشياقمايدۇ؛ بەك ئىسسىق بولسا بىللە بولغاندا  كۆپ تەرلەپ كېتىدۇ. بىراق كۆڭۈلدىكىدەك بالىلىق بولۇش ئۈچۈن قانچە ھارسىمۇ ئىشنى جان تىكىپ كۆرەش قىلىش كېرەك. ھەي ! بىراق قانداقلا بىللە بولسا بولۇۋېرىدۇ دەپ قالماڭ؛ بالىلىق بولۇشنىڭ جاپاسىنى ئادەتتىكى ئادەملەر قانداقمۇ پەرەز قىلالىسۇن؟
ۋارىس قالدۇرۇش بېسىمى بولمىغان كىشىلەر، قىز-ئوغۇل تۇغۇشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەنمەيدۇ. ئالدى بىلەن چوڭلارنىڭ قاقشاپ كوتۇلداشلىرى، بالىلارنىڭ چۇرقىرىشىپ ئادەمنى بىزار قىلىشىنى دېمەيلا قويايلى،  نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ قىز بالا ئارزۇ قىلىپ، كوتۇلداشلىرىمۇ ئادەمنى بىزار قىلىدۇ. ئەگەر راستتىنلا قانداق بىللە بولغاندا ئوڭۇشلۇق ئوغۇل ئارزۇ قىلىپ ئوغۇللۇق، قىز ئارزۇ قىلىپ قىز پەرزەنتلىك بولۇشنى بىلمەكچى بولسىڭىز، گېرمانىيەنىڭ «ئېلىم-پەن ژۇرنىلى »دا چىقىدىغان يېڭى تەتقىقات دوكلاتلىرىنى كۆرۈپ بېقىڭ. 
بۇرۇنقى تەتقىقاتلاردا بۇرۇنلا چاشقان ۋە شەپەرەڭنىڭ جىنسى، تۇغۇلۇش ۋاقتى ۋە تېمپېراتۇرا بىلەن بولغان زىچ مۇناسىۋىتىنى بايقىغان. بوۋاقلار جىنىسىنىڭ مۇھىت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن، گېرمانىيە تەتقىقاتچىلىرى 1946-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە بولغان ۋاقىتتا تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلۇش خاتىرىسىگىچە ئىز قوغلاش ئېلىپ بارغان، ۋە شۇ يەرنىڭ تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى بىلەن سېلىشتۇرۇپ چىققان. نەتىجىدە، 4- ئايدىن 6-ئايغىچە بولغان ۋاقىتتا ئوغۇللارنىڭ ئەڭ كۆپ، 10-ئايدا ئەڭ ئاز تۇغۇلغانلىقىنى بايقىغان. 
يەنىمۇ  ئىلگىرىلىگەن ئانالىزلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بىرىكىشتىن بىر ئاي بۇرۇنقى مۇھىت تېمپېراتۇرىسى، يەنى ئەر-ئايال جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن  بىر ئاي بۇرۇنقى مۇھىت تېمپېراتۇرىسى، بوۋاقنىڭ جىنسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل ئىكەن. يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئوغۇل، تۆۋەن تېمپېراتۇرا قىز تۇغۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. 
تېمپېراتۇرا بوۋاقنىڭ جىنسىغا تەسىر كۆرسىتىشى تەتقىقاتچىلارنىڭ پەرىزىچە يۇقىرى تېمپېراتۇرا X خروموسومغا تەسىر قىلغاچقا ئاسانلىقچە قىز تۇغۇلمايدىكەن. تۆۋەن تېمپېراتۇرا Y خروموسومغا تەسىر قىلىدىغان بولۇپ، ئاسانلىقچە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلمايدىكەن. 
يەنە بىر پەرەز شۇكى: تېمپېراتۇرا قانچە يۇقىرى بولسا بىللە بولۇشقا ئىنتىلىش شۇنچە كۈچلۈك بولىدىكەن. يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئەر-ئاياللارنى جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا غىدىقلاپ، چاستوتىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاياللارنى ئاسان ھامىلىدار قىلىدىكەن. 
باشقا تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، Y خروموسومنى ئېلىپ يۈرىدىغان ئىسپېرمىنىڭ ھەرىكىتى تېز بولىدىكەن؛ بىراق Y خروموسومنى ئېلىپ يۈرىدىغان ئىسپېرمىنىڭ ھەرىكىتى تېز بولىدىكەن. شۇڭا جىنسىي مۇناسىۋەت قېتىم سانى ئاشقانسېرى، Y خروموسومنى ئېلىپ يۈرگۈچى ئىسپېرما تۇخۇم بىلەن شۇنچە ئاسان بىرىكىپ، ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلىدىكەن. بىراق جىنسىي مۇناسىۋەت ئازلىغانسېرى X خروموسومنى ئېلىپ يۈرگۈچى ئىسپېرما شۇنچە ئاسان تۇخۇم بىلەن بىرىكىپ، قىز بوۋاق تۇغۇلىدىكەن. 
تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ ئەنسىرەيدىغىنى، يەر شارى تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ پارنىك ئېففېكتنىڭ تەسىرىدە، ئوغۇللارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى ئېشىپ، ئەر-ئايال نىسبىتىنىڭ تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن. 
جۇڭگونىڭ قەدىمدىن تارتىپ «چۈچۈمەل بولسا ئوغۇل، ئاچچىق بولسا قىز» دەيدىغان گەپ بار، بۇنىڭدىنمۇ ئاش-تاماقنىڭمۇ ھامىلە جىنسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. يېقىندا «ئىلمىي ئامېرىكىلىقلار»ناملىق ژۇرنالدا ئېلان قىلىنىشىچە، مىسسۇرى-كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ تەجرىبە چاشقىنىدىن بايقىشىچە، يېمەكلىك تەركىبىدىكى قەنت ۋە مايلار چاشقان ھامىلىسىنىڭ جىنسىغا ناھايىتى چوڭ تەسىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. 
ئوغۇل تۇغماقچى بولسىڭىز قەنتنى ئازراق گۆشنى جىقراق يەپ بېرىڭ
بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىنىشىچە، بۇ تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار يېمەكلىكنىڭ، سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ جىنسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ دېگەن بۇ قاراشنى چۆرىدەپ  بۇ تەجرىبىنى باشلىغان.تەجرىبە نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، يېمەكلىك تەركىبىدىكى قەنت تەركىبى يۇقىرى،  ماي تەركىبى تۆۋەن بولغان چىشى چاشقان تۇغقان بالىلىرى ئارىسىدا چىشلىرى ئەركىكىدىن 2 ھەسسە كۆپ بولغان؛ ئەكسىچە، يېمەكلىكى تۆۋەن قەنتلىك يۇقىرى ماي تەركىبلىك قېرى ئانا چاشقاننىڭ تۇغقان بالىلىرى ئارىسىدا بولسا ئەركىكى چىشىسىدىن 2 ھەسسە كۆپ بولغان. 
گۇرۇپپا ئەزاسى شېلىر.s.لوسېنفىرنىڭ دېيىشىچە، يېمەكلىك ئېنزىم تەسىرى ئارقىلىق ئاياللىق جىنسىي كۆپىيىش سىستېمىلىرىنى تەۋرىتىش ئارقىلىق، مەلۇم خىل ھامىلىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرىدىكەن. 
يېمەكلىك يەنە زادى X خروموسوملۇق ياكى Y خروموسوملۇق ئىسپېرمىنىڭ تۇخۇمغا كىرىپ، ئۇرۇقلىنىشنى تاماملىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مۇنداقلا دېگەندە يېمەكلىك تەركىبىدىكى ئېنېرگىيە مىقدارى ھامىلە جىنس نىسبىتىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى