ھامىلىدار ئاياللار كومپيۇتېر ئىشلەتكەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟(2)
يانفوندا كۆرۈش
ھەركۈنى ئازراق يېشىل چاي دەملەش
چاي تەركىبىدىكى لىپوپولىساخارى ئوگانىزمنىڭ قان ئىشلەپ چىقىرىش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ، ئادەم بەدىنى ئۇنى سۈمۈرگەندىن كېيىن، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئادەم بەدىنىنىڭ غەيرىي خاس ئىممۇنىتېتى ئاشىدۇ، چاينىڭ يەنە رادىئاتسىيەدىن ساقلاش رولى بار.
ئېكراننىڭ پارقىرىشى ۋە غۇۋالىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كومپيۇتېرنى دېرىزىنىڭ قارشى تەرىپى ۋە يان تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرماسلىق كېرەك.
مۇھىتنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى يېقىشلىق بولۇشى كېرەك، ئەگەر مەشغۇلات قىلغۇچىنىڭ ئارقىسىدا دېرىزە بولسا چوقۇم دېرىزىنى يېپىۋېتىش، يورۇقلۇقنىڭ بىۋاسىتە ئېكرانغا چۈشۈپ ئەكىس نۇر ھاسىل قىلىپ كۆزنىڭ چارچىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم .
كومپيۇتېر ئۆيى شامال ئۆتۈشىدىغان، ئىچىگە ھاۋا تەڭشىگۈچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇشى كېرەك، بېروملۇق دىفىنول فۇراننىڭ بەدەنگە بولغان تەسىرىنى ئازايتىش، كومپيۇتېرنىڭ ئەتراپىدىكى چان توزاننىڭ قويۇقلىقى باشقا يەرلەردىكىدىن يۈز نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ، ئۇلار ئۇزۇن ۋاقىت ئادەمنىڭ تېرىسىگە چاپلىشىپ ھەرخىل تېرە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا كومپيۇتېر ئۆيى پاكىز بولۇشى، كومپيۇتېرنى چوقۇم قەرەللىك تازىلاپ تۇرۇش لازىم.