مەيدەم قايناپ بىئارام بولۇپ تۇرۇۋاتىمەن ، بۇ قانداق ئىش؟
ۋاقتى: 2016-08-05
ئاۋاتلىقى: 687 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدار بولغانغا 39 ھەپتە بولدى، لېكىن يېقىندىن بۇيان مەيدەم قايناپ بىئارام بولۇپ تۇرۇۋاتىمەن ، بۇ قانداق ئىش؟
مەيدىسى قايناش ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ كۆپ ئاجرىلىپ چىققانلىقىدىن بولىدۇ. مەيدىسى قايناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر نۇرغۇن بولۇپ، كۆپىنچە ئوزۇقلىنىشىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ، مەسىلەن، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش يەنى پىياز، سامساق، ئاچچىقسۇ، ھاراق قاتارلىق. ئۇزۇن مەزگىل ئۇزۇقلىنىش ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولمىسىمۇ، ئاستى خاراكتېرلىك ئاشقازان كېسىلى ۋە ھەزىم قىلىش ناچارلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.