ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلارنى رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ كۈچى

بالىلارنى رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ كۈچى

ۋاقتى: 2015-07-10 ئاۋاتلىقى: 546 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئانا تۇنجى قېتىم ئاتا – ئانىلار يىغىنىغا قاتناشتى. يەسلى تەربىيەچىسى ئۇنىڭغا: « ئوغلىڭىز بەك كەپسىز، ئورۇندۇقتا ئۈچ مىنۇتمۇ جىم ئولتۇرالمايدۇ. ئەڭ ياخشىسى بالىنى دوختۇرغا بىر كۆرسىتىپ باقسىڭىز بولغۇدەك » دېدى. ئۆيگە قايتىۋاتقاندا بالىسى ئۇنىڭدىن تەربىيەچىنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى سورىدى. شۇ چاغدا ئانىنىڭ دېمىقى ئېچىشتى، كۆزلىرىدە ياش ئەگىدى. چۈنكى پۈتۈن سىنىپتىكى 50 بالا ئىچىدە، ئۇنىڭ بالىسىنىڭ ئىپادىسى ئەڭ ناچار بولۇپ، ھەتتا تەربىيەچىمۇ ئۇنىڭ بالىسىغا كەمسىتىش پوزىتسىيىسىدە مۇئامىلە قىلاتتى. ھالبۇكى ئانا بالىسىغا مۇنداق جاۋاپ بەردى: « تەربىيەچى سېنى ماختىدى. سەن ئەسلى ئورۇندۇقتا بىر مىنۇتمۇ جىم ئولتۇرالمايتىڭكەن، ھازىر ئۈچ مىنۇت ئولتۇرالايدىغان بوپسەن. پۈتۈن سىنىپتا سېنىڭ ئىلگىرىلىشىڭ ھەممىدىن تېز بولغاچقا، باشقا ئانىلار ماڭا ھەۋەس قىلىشىپ كەتتى ». شۇ كۈنى كەچتە بالا بىراقلا ئىككى قاچا گۈرۈچ ئېشىنى يەۋەتتى ھەم ئانىسىغىمۇ ئۆزىنى باققۇزمىدى.

 

بالا باشلانغۇچ مەكتەپكە چىقتى. بىر قېتىملىق ئاتا – ئانىلار يىغىنىدا ئوقۇتقۇچى ئانىغا مۇنداق دېدى : « پۈتۈن سىنىپتىكى 50 ئوقۇغۇچى ئىچىدە، بالىڭىزنىڭ ماتىماتىكا نەتىجىسى 40– ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ. بىز ئۇنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىدا توسالغۇ بارلىقىدىن گۇمان قىلىمىز. سىز ئەڭ ياخشىسى بالىنى دوختۇرغا بىر كۆرسىتىپ بېقىڭ ». ئانا دەرسخانىدىن چىقىپلا ياش تۆكتى. ئەمما ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، ئۇ ئۈستەل ئالدىدا ئولتۇرغان بالىسىغا مۇنداق دىدى: « ئوقۇتقۇچى ساڭا تولۇق ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، سەن دۆت ئەمەسكەنسەن، ئەگەر ئازراقلا كۆڭۈل قويساڭ، پارتىدىشىڭدىن گەپ يوق ئېشىپ كېتىدىكەنسەن. سېنىڭ پارتىدىشىڭ بۇ قېتىم 21– بوپتۇ ». ئانا شۇ گەپلەرنى دەپ بولۇپ، ئوغلىنىڭ كۆزلىرىنىڭ بۆلەكچە نۇرلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. ئىككىنچى كۈنى بالا مەكتەپكە ئادەتتىكىدىن خېلىلا بۇرۇن باردى. 
بالا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقتى. بىر قېتىملىق ئاتا – ئانىلار يىغىنىدا ئانا ئوغلىنىڭ پارتىسىدا ئولتۇرۇپ، ئوغلىنىڭ ئسىمىنىڭ چاقىرىلىشىنى كۈتتى. چۈنكى ھەر قېتىملىق ئاتا – ئانىلار يىغىنىدا، ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى نەتىجىسى ناچار ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا چاقىرىلماي قالمايتتى. بىراق بۇ قېتىم ئۇنداق بولماي قالدى. ئاتا – ئانىلار يىغىنى ئاياغلاشقىچە ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى چاقىرىلمىدى. ئانا بۇنىڭغا بىر ئاز كۆنەلمىگەندەك ھېس قىلدى – دە، ئوقۇتقۇچىنى تېپىپ، سەۋەبىنى سورىدى. ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭغا: « ئوغلىڭىزنىڭ ھازىرقى نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتەلىشى تەس ». ئانا مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىپ، ئوغلىنىڭ ئۆزىنى ساقلاپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. يولدا ئۇ ئوغلىنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇپ تۇرۇپ دېدى : « سىنىپ مەسئۇلۇڭ سېنىڭدىن ناھايىتى رازىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، سەن يەنە كىچىككىنە تىرىشچانلىق كۆرسەتسەڭلا، نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتۈشۈڭدە ھېچقانداق توسالغۇ يوقكەن . 
بالا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈردى. بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى چۈشكەندە، مەكتەپتىن بالىنىڭ مەكتەپكە بىر كېلىپ كېتىشى توغرىلىق تېلېفون كەلدى. ئانا كۆڭلىدە بالىسىنىڭ بىرىنچى تۈركۈمدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى قىياس قىلدى. چۈنكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقاندا، ئانا ئوغلىغا، ئۇنىڭ نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئوغلى مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ تامغىسى بېسىلغان ئالاھىدە تېز يوللانمىنى ئانىنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. ئانا تۇيۇقسىز ئارقىسىغا ئۆرۈلگىنىچە ھۇجرىسىغا كىرىپ ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ يىغلىدى. بالا بىر ياقتىن يىغلاپ، بىر ياقتىن ئانىسىغا مۇنداق دېدى: « ئانا، مەن ئۆزۈمنىڭ ئەقىللىق بالا ئەمەسلىكىمنى بىلىمەن. ئەمما دۇنيادا مېنى رىغبەتلەندۈرىدىغان سىز بولغاچقىلا، مەن مۇشۇ نەتىجىگە ئېرىشتىم …

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى