ھامىلىدارلىقنىڭ 31-ھەپتىسىدىكى ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدەن ئۆزگىرىشىدىن خۇلاسە
ۋاقتى: 2015-07-20
ئاۋاتلىقى: 652 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ 31–ھەپتىسىگە كىرگەندىن كېيىن ھامىلىدار ئايالنىڭ بالىياتقۇ ئاستى ئاللىبۇرۇن دىئافراگمىغىچە يۆتكىلىپ بولغان بولۇپ، سىز دائىم ئاشقازىنىڭىزنىڭ بىئارام بولغانلىقنى ھېس قىلىسىز، بولۇپمۇ تاماق يېگەندىن كېيىن. بۇ خىل ئالامەت تەخمىنەن ھامىلە 34 ھەپتىلىك بولۇپ بېشى تۆۋەنلەپ داس بوشلۇقىغا كىرگەندە يەڭگىللەيدۇ. سىز بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنىڭ ناھايىتى تېز ئېشىۋاتقانلىقنى بايقايسىز، بۇ بالىڭىزنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتىنىڭ ناھايىتى تېز ئىكەنلىكىدىن بولىدۇ.
ھامىلىدار ئايالنىڭ كىندىك ئەتراپى، تۆۋەنكى قورساق ھەم سىرتقى ئەۋرەت قىسمىنىڭ رەڭگى بارغانچە قېنىقلىشىدۇ، بەلكىم سىزنىڭ بەدىنىڭىزدىكى ھامىلىدارلىق سىزىقى بىلەن يۈزىڭىزدىكى ھامىلىدارلىق دېغى تېخىمۇ روشەنلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. نۇرغۇن ھامىلىدار ئانىلار ئۇيقۇسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئەمەستەك ھېس قىلىدۇ، بولۇپمۇ قورسىقى يوغىناپ يېتىش، قوپۇش، ئۆرۈلۈشنىڭ ھەممىسى قىيىنلىشىپ قانداقلا ياتسا بىئارامسىزلىق ھېس قىلىدۇ. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى دادا بولغۇچىنى ياردەملىشىپ، سىزنىڭ پۇت ۋە دولىڭىزنى يەڭگىل ئۇۋىلاپ مۇسكۇللارنى بوشاشتۇرسا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بالىڭىزنىڭ ناھايىتى تېزلا سىز بىلەن يۈز كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئويلاڭ! بۇنچىلىك بىئارامسىزلىق كىشىنى ئۇنچە بەكمۇ قىيناپ كەتمەيدۇ.