بوۋاقنىڭ يېمەكلىكىگە قوشۇشقا بولمايدىغان تەم تەڭشىگۈچلەر
ۋاقتى: 2015-04-12
ئاۋاتلىقى: 853 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
تېتىتقۇ: بوۋاقنىڭ يېمەكلىكىگە ئەڭ ياخشىسى تېتىتقۇ قوشماسلىق كېرەك. چۈنكى تېتىتقۇ تەركىبىدىكى ناترىي كۆپ ئىستېمال قىلىنسا سالامەتلىككە زىيانلىق، ئۇزۇن ۋاقىت يېگەندە يەنە تەم تېتىش سەزگۈسىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
ئاچچىقسۇ: كۆپىنچە بالىلار ئاچچىقسۇنىڭ تەمىنى ياقتۇرمايدۇ، شۇڭا بالىنىڭ تامىقىغا ئاچچىقسۇ سېلىشنىڭ ئورنى يوق.
كۇررى: كۇررىنىڭ تەركىبىدە ئۇچۇشچان ياغ، لازا تەمى بار،ئۇنىڭ ناھايتى كۈچلۈك غىدىقلاش تەسىرى بار بولۇپ، بىر ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئىستېمال قىلىشغا ماس كەلمەيدۇ.
قارىمۇچ: كاۋاۋىچىن ئۇنى، قىچا تالقىنى، زەنجىۋىل قاتارلىق پۇراقلىق ماتېرىياللارنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك غىدىقلاش رولى بار بولۇپ، بوۋاقلارنىڭ تېخى تولۇپ يېتىلىپ بولالمىغان ئاش قازىنىغا ماس كەلمەيدۇ.