ھامىلىدارلىقنىڭ 25-ھەپتىسى دادا بولغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەققىدە
ۋاقتى: 2015-11-04
ئاۋاتلىقى: 770 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ 25-ھەپتىسى ۋاقىت بولسىلا دادا بولغۇچى ئايالى بىلەن بىللە تۇغۇتتىن بۇرۇنقى ھامىلە تەربىيەسى دەرسىگە قاتنىشىپ، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ۋە تۇغۇت جەريانىدىكى بىلىملەرنى چۈشىنىشى كېرەك. ھامىلىدار ئايالدا كۆكسى ئىششىش ۋە ھامىلىدارلىق سىزىقى پەيدا بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ئەر بولغۇچى ئايالىغا كۆيۈنۈشى كېرەك، ئۇنىڭ كۆكسىنى ئۇۋىلاپ، چىقىپ كەتكەن سۈتنى سۈرتۈپ قويسا بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئانا بولغۇچى چوقۇم ھەرىكەت قىلىشنى خالىمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا دادا بولغۇچى ئايالىنى نازارەت قىلىپ تۇرۇش ياكى ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ھەرىكەت قىلىش كېرەك. ھامىلىدار ئايال مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ بەرگەندە، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىغىلى ۋە بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى بىئاراملىقنى تۈگەتكىلى، ھامىلىنى يېتەرلىك ئوكسىگېن تەمىنلىگىلى بولىدۇ. ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن ۋە كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئايالىغا ھەمراھ بولۇپ سىرتتا بىر تەرەپتىن پاراڭلاشقاچ بىر تەرەپتىن سەيلە قىلسا ئانا-بالىنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە ئىنتايىن پايدىلىق.