ئەقىقە قىلىش
ۋاقتى: 2015-12-13
ئاۋاتلىقى: 1166 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئەقىقە دېگەنلىك بوۋاق تۇغۇلۇپ يەتتىنچى كۈنى قوي سويۇپ بوۋاقنى قۇتلۇقلاشتۇر. ئادەتتە ئوغۇل پەرزەنت ئۈچۈن ئىككى قوي ئەقىقە قىلسا ياخشى بولىدۇ، بىر قوي ئەقىقە قىلسىمۇ بولىدۇ. قىزلارغا بىر قوي ئەقىقە قىلىنسىلا بولىدۇ. ئەقىقە قىلىنىدىغان قوي قوچقار بولۇشى، ئاقساق-چولاق بولماسلىقى شەرت قىلىنىدۇ.
ئەقىقە قىلىش بوۋاقنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بېشىغا كېلىدىغان ھەر خىل ئاپەتلەردىن قۇتۇلۇپ قىلىشى ئۈچۈن فىدىيە بېرىش بولۇپ، ئىسمائىل ئەلەيھىسىسالامغا كەلگەن ئۆلۈمنى بىر قوچقار قۇربانلىق قىلىش بىلەن قۇتقۇزۇپ قىلىنغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغان. ئەقىقە قىلغاندا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان دوستلىرىنىڭ ئەقىقە مۇراسىمىغا چاقىرىپ خوشاللىققا ئۇلارنى شېرىك قىلسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئەقىقە گۆشىدىن يېقىنلىرىغا، پېقىرلارغا سەدىقە بېرىش كېرەك.