ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۈزۈم تۆرەلمە توغرىسىدىكى ئومۇمىي خۇلاسە(1)

ئۈزۈم تۆرەلمە توغرىسىدىكى ئومۇمىي خۇلاسە(1)

ۋاقتى: 2015-08-01 ئاۋاتلىقى: 728 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۈزۈم تۆرەلمە دېگەن نېمە 
ھامىلىدار بولغاندا، بالا ھەمرىيىدىكى تىۋىتچىنىڭ ئوزۇقلۇق ھۈجەيرىسى بىنورمال بۆلۈنۈپ ۋە كۆپىيىپ، بالا ھەمرىيىدىكى تىۋىتچە چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان سۇلۇق قاپارتمىنى شەكىللەندۈرىدۇ، كىچىكلىرىنى پەقەت كۆرگىلى بولىدۇ، چوڭلىرى بارماققا ئوخشايدۇ، سۇلۇق قاپارتما ئوتتۇرىسىدا ئۇلىنىش بولۇپ تىزىققا ئايلىنىپ، ئۈزۈمگە ئوخشاپ قالىدۇ، بۇ دەل ئۈزۈم تۆرەلمىسى  بولۇپ، سۇلۇق قاپارتما شەكلىدىكى تۆرەلمە دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئۈزۈم تۆرەلمىسى قانداق شەكىللىنىدۇ
ھامىلىدار ئايالنىڭ يېشى
ھامىلىدار ئايال 20 ياشتىن تۆۋەن ھەمدە قىرىق ياشتىن يۇقىرى ۋاقتىدا ھامىلىدار بولغاندا، ئۈزۈم تۆرەلمىسىگە ھامىلىدار بولۇپ قېلىشنىڭ نىسبىتى يېشى 21-35 ياشقىچە بولغان ئاياللارنىڭكىدىن 5-9 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. 40 ياشتىن يۇقىرى ئانىنىڭ 20 ياشتىن كىچىك ئانىغا قارىغاندا خەتەرلىك نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. دادىنىڭ يېشىنىڭ تەسىرى بولمايدۇ.
ھامىلىدارلىق تارىخى
ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق ئۇدا بويىدىن ئاجراپ كەتكەن ئانىنىڭ نورمال ئانىغا قارىغاندا خەتەرلىك نىسبىتى 32 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ، يەنى ئۇدا تەبىئىي بويىدىن ئاجراپ كەتكەن ئانا بىر قەدەر ئاسان ئۈزۈم تۆرەلمىسىگە ھامىلىدار بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر دۆلەتنى ئېلىپ سېلىشتۇرغاندا، ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى بولغان پەيدا بولۇش نىسبىتى بار. پۈتۈن دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتى بويىچە ئېيتقاندا ، ھەر 1000 ھامىلىدار ئانىنىڭ تەخمىنەن 0.5-2 سى ئۈزۈم تۆرەلمىسى بولۇپ چىقىدۇ.
ھەيز كېسىلىش ۋاقتىغا يېقىن مەزگىلدە پەيدا بولغان ھامىلىدارلىقتا ئاسانلا ئۈزۈم تۆرەلمىسى ھەمدە تىۋىتلىق پەردە راكى پەيدا بولىدۇ. 
ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ بىرقەدەر يۇقىرى بولغان پەيدا بولۇش نىسبىتى بار.
بىمار ھەمدە يولدىشىنىڭ ABO قان تىپى، خەتەرلىك نىسبىتى بىلەن مۇناسىۋىتى بار.
تامامەن بولغان ئۈزۈم تۆرەلمىسى تىۋىتلىق پەردە راكى پەيدا بولۇشتىكى ئاساسلىق ئامىل.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى