ھامىلىدارلىقنىڭ 18-ھەپتىسىدىكى ئوزۇقلۇق كۆرسەتكۈچى
ۋاقتى: 2013-06-21
ئاۋاتلىقى: 556 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ 18-ھەپتىسى ھامىلىنىڭ سۆڭىكى ۋە كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ يېتىلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھامىلىدار ئايال ۋېتامىن A، كالتسىي ۋە فوسفور تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
ھامىلىدار ئايال ھەددىدىن زىيادە كۆپ يەپ-ئىچمەسلىكى كېرەك. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئوزۇقلۇقنى كۈچەيتىش دېگەنلىك، تاماقنى كۆپ يېيىش دېگەنلىك بولمايدۇ ئەلۋەتتە، تاماقنى كۆپ يېيىش ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ۋە ئوزۇقلۇقنىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، نەتىجىدە، ھامىلە ۋە ئانىنىڭ ھەر ئىككىىسىگە ياخشى بولمايدۇ. ھامىلىدار ئايال چوقۇم يېمەك-ئىچمەكنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، ئىلمىي ئوزۇقلىنىشى كېرەك. ھەر ۋاق تاماقنى بەك تويۇپ يەۋەتمەستىن يەتتە-سەككىز ئۈلۈش يەپ، كۈنلۈك ئۈچ ۋاقنى بەش ۋاققا ئۆزگەرتىش كېرەك، يەنى ئاز مىقداردىن كۆپ قېتىم يېيىش كېرەك. كەچلىك تاماقنى بەك كەچ ، بەك كۆپ يېمەسلىك كېرەك، تۇخۇم، گۆش ۋە بېلىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى بەك كۆپ يېمەسلىك كېرەك، بولمىسا ئاشقازان-ئۈچەينىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىپ، ياغ يېغىلىپ قالىدۇ. ھامىلىدار ئايالنىڭ كەچلىك تامىقى سۇيۇق مايسىز بولغىنى ياخشى.
ھامىلىدارلىقنىڭ 18-ھەپتىسى نېمىلەرنى يېسە ئەڭ ياخشى؟
ھامىلىدار ئايال تەركىبىدە كالتسىي، تۆمۈر، سېنىك مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك.
Tags: