دېۋەڭ بالىنىڭ ئانىسى سەۋەبىنى تەكشۈرۈتمەستىن يەنە قايتا ھامىلىدار بولسا....
ۋاقتى: 2016-07-11
ئاۋاتلىقى: 736 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
تۇنجى بالىسىنى دېۋەڭ تۇغقان ئايال ئىككىنچى بالىسىنىڭ شۇنداق بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا تۇنجى قېتىملىق پاجىئەنىڭ تەكرارلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ ئاۋۋال سەۋەبىنى ئېنىقلاش، ئاندىن كېيىن ئىككىنچى قېتىملىق ھامىلىدارلىقنىڭ ئېھتىماللىقى ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئويلىشىش كېرەك.
تۇغما بولىدىغان، دائىم كۆرۈلىدىغان بىر خىل دېۋەڭلىق تۇغما بولىدىغان غەيرىيلىكنىڭ بىرخىل شەكلى، بۇ ئاساسلىقى ھامىلىنىڭ مېڭە ھۈجەيرىسى ئانا تېنىنىڭ تۆرەلمىسىدە كۆپەيگەندە توسالغۇغا ئۇچرىغاچقا، ياكى نورمال كۆپىيەلمىگەنلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ. يەنە بىر خىل سەۋەبى دائىمىي خروموسوملارنىڭ سانى نورمال بولمىغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. نورمال ئادەمنىڭ خروموسومى 23جۈپ، يەنى 46 تال بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 22جۈپى ئەر-ئايال ئوخشاش ، يەنى دائىمىي خروموسوم دېيىلىدۇ. 21-جۈپ خروموسومدا بىرتال كۆپەيگەنلىكتىن، يەنى ھۈجەيرىدە ئۈچ تال خروموسوم بولغان چاغدا، « تۇغما خاراكتېرلىك دۆتلۈك » كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا بۇ كېسەل يەنە 3-21 خروموسوم ئونىۋېرسال كېسەللىك ئالامىتى دېيىلىدۇ.