ھامىلىدارلىقنىڭ 6-ھەپتىسىدە زۇكامداپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟ زۇكام دورىسى ھامىلىگە زىيانلىقمۇ؟
ۋاقتى: 2016-10-27
ئاۋاتلىقى: 754 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىسىز دورا ئىستىمال قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. بولۇپمۇ ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلىپىدىكى 3 ئاي ئىچىدە تۆرەلمە جىددىي يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان، ئەزالار شەكىللىنىۋاتقان بولغاچقا چوقۇم ئېھتىيات قىلىش كېرەك. مۇبادا سىز مەخسۇس ئاياللار بۆلۈمىگە بېرىپ دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا يېگەن بولسىڭىز ئۇ باشقا گەپ، بەزىلەر جۇڭيى دورىسى زىيانلىق ئەمەس دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە جۇڭيى دورىسىمۇ مۇرەككەپ رىتسىپلىق دورا بولۇپ، تەركىبىدە نۇرغۇن تەركىبلەر بار. ھامىلىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن ئامال بار قالايمىقان دورا يېمەسلىكىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.