ھامىلىدارلىقنىڭ 36-ھەپتىسىدىكى ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدەن ئۆزگىرىشىدىن خۇلاسە
ۋاقتى: 2016-06-18
ئاۋاتلىقى: 747 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ 36-ھەپتىسىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن ھامىلىنىڭ ئورنى تۆۋەنلەپ داس سۆڭىكىگە قەدەر يېتىپ بارىدۇ، قوۋۇرغا سۆڭىكى ۋە ئىچكى ئەزالار خېلىلا راھەتكە چىقىدۇ. ھامىلىدار ئاياللار مەيدىسى ئېچىشىدىغان ئالامەتلەرنىڭ يېنىكلەپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، نەپەسمۇ سىقىلمايدۇ. لېكىن سىزنىڭ ھاجەتخانىغا بېرىش قېتىم سانىڭىز بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ، بېسىمنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبلىك تېقىم ۋە پۇتنىڭ ئاخىرقى تېخىمۇ قاتتىق بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە سىزنىڭ قورسىقىڭىز يوغىناپ ھەتتا كىندىكىڭىزمۇ كۆپۈپ چىققان بولىدۇ. ئولتۇرۇپ قوپۇشىڭىز تەسكە توختايدۇ، بەزى ھامىلىدار ئاياللاردا قورساقنىڭ ئاستى ئاغرىش ھەتتا ھازىرلا يەڭگىپ قالىدىغانغا ئوخشاش ھېسسىيات پەيدا بولىدۇ.