خىزمەتتىكى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتىگىيسى(1)
ۋاقتى: 2015-12-19
ئاۋاتلىقى: 578 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى
قاتناش مەسىلىسى: ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ھامىلە ئەمدىلا ئورۇنلاشقان بولغاچقا، ئەڭ ياخشىسى مۇقىم، راھەت بولغان قاتناش ۋاسىتىسىنى تاللاش، خىزمەتكە بېرىش ۋاقتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدىن ساقلىنىش كېرەك.
ھامىلىدارلىق ئىنكاسى: كۆپ قىسىم ھامىلىدار ئاياللاردا ياندۇرۇش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، لۆڭگە ۋە ئېغىز چايقايدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ يۈرسە بولىدۇ.
ئىشخانىدىكى رادىياتسىيە : ئاۋۋال ئىشخانىدىكى رادىياتسىيە مەنبەسىنى تېپىپ چىقىش، ئەڭ ياخشىسى رادىياتسىيەدىن ساقلىنىش كىيىمىنى كىيىش كېرەك. ئىلاجنىڭ بېرىچە نۇسخىلاش ماشىنىسى، كومپيۇتېر ، توكلۇق ئوچاق قاتارلىقلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك.
شىركىتىگە ئۇقتۇرۇش: ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن، شىركىتىگە ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى تەڭشەپ بېرىشى توغرىسىدا مۇۋاپىق ۋاقىت تاللاپ شىركەتتىكىلىرىگە ئۆزىنىڭ خوش خەۋىرىنى يەتكۈزۈش كېرەك.
خىزمەتچىلىرى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت: ئازراق ئۆزگىرىش بولىدۇ، ئاكتىپلىق بىلەن ياخشى يولنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۆزى ئىلاجنىڭ بېرىچە خىزمىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، زۆرۈرىيەت بولغاندا كۆپچىلىكتىن ياردەم سوراشقا بولىدۇ.