ھامىلىدارلىقنىڭ 5-ھەپتىسىدىكى ئوزۇقلۇق كۆرسەتكۈچى
ۋاقتى: 2016-07-04
ئاۋاتلىقى: 913 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ 5-ھەپتىسىدە ھامىلىدار ئايالنىڭ تېنىدىكى قاندا قەنت ماددىسى تۆۋەنلەپ كېتىدىغان بولغاچقا، ئوزۇقلۇق يېتىشمىسە كېتون ماددىسى (酮体) شەكىللىنىپ، ئىشتىھاسى تۇتىلىدىغان، كۆڭلى ئېلىشىپ ياندۇرىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ چاغدا كۆپرەك قارا ئاشلىق قاتارلىق قەنت مىقدارى كۆپرەك يېمەكلىكلەرنى يەپ بەرگەندە قاندىكى قەنت مىقدارىنى تولۇقلاپ، كېتون ماددىسىنىڭ مىقدارىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە كۆپرەك بېلىق يەپ بەرسە ياخشى. چۈنكى بېلىق گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارى مول، تەمى خۇشبۇي، ئاسان ھەزىم بولىدىغان بولغاچقا ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشى يېمەكلىكىدۇر.
كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھامىلىدار ئاياللار ھەر كۈنلۈك تاماقنىڭ قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، ھەر قېتىملىق تاماقنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش، بەك مايلىق ياكى ئاسان ھەزىم بولمايدىغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، كۆپرەك شوۋىگۈرۈچ، پۇرچاق سۈتى قاتارلىق يېنىك تاماقلارنى ئىستېمال قىلىشقا دىققەت قىلىشى لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇخلاپ ئويغاندا ياكى ئۇخلاش ئالدىدا بولكا، پىچىنە دېگەندەك تاتلىق تۈرۈملەردىن يەپ بەرسىمۇ بولىدۇ.ھامىلىدارلىقنىڭ 5-ھەپتىسىدە ئانا بولغۇچىلار يېنىك، ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئاقسىل، قەنت، ۋىتامىن مىقدارى مول يېمەكلىكلەرنى يەپ بەرسە ياخشى.