سۈپەتلىك تۇغۇشتا پايدىسىز ئامىللاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك(2)
ۋاقتى: 2016-06-07
ئاۋاتلىقى: 704 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھامىلىدار بولماقچى بولغان ئەر-ئايال قەتئىي تىنچلاندۇرۇش دورىسىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ئەگەر ئۇيقۇسىزلىق ئەھۋالى كۆرۈلسە، مۇۋاپىق دەم ئېلىش، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىش، ياخشى ئوزۇقلىنىش ۋە تۇرمۇش رېتىمىنى تەڭشەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن مەسىلىلىرى ھەل قىلىش كېرەك، يەنى بەدەننى ئومۇمىي جەھەتتىن كۈچلەندۈرۈش كېرەك.
بالدۇر تۇغۇلۇش ۋە بويىدىن ئاجرىغاندىن كېيىن:
بالا بالدۇر تۇغۇلغان ياكى بويىدىن ئاجراپ كەتكەندىن كېيىن، ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەدەننىڭ مەلۇم ئەزالىرىنىڭ زەخمىگە ئۇچرىتىپ، ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بالىياتقۇ قاتارلىق ھامىلىدار بولۇش ئەزالىرى بىر مەزگىل ئەسلىگە كېلەلمەيدۇ، بولۇپمۇ بالىياتقۇنى قىردۇرغان ئاياللار تېخىمۇ شۇنداق. شۇڭا بويىدىن ئاجرىغاندىن كېيىن ياكى بالدۇر تۇغۇلغاندىن كېيىن دەرھال ھامىلىدار بولسا ھامىلىگە ناھايىتى پايدىسىز.
بالىياتقۇ قاتارلىق ئەزالارنى تولۇق ئارام ئالدۇرۇش، ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كېيىنكى قېتىملىق ھامىلىدار بولۇش ياخشى شارائىت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، ئىلگىرى بالدۇر تۇغقان ياكى بويىدىن ئاجراپ كەتكەن ئاياللار ئەڭ ياخشىسى بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ياكى دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىنى ئالغاندىن كېيىن ئاندىن ھامىلىدار بولۇش كېرەك.