بالىياتقۇدىكى تۇغۇت چەكلىگۈچ ھەققىدە
ۋاقتى: 2016-07-19
ئاۋاتلىقى: 584 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بالىياتقۇدىكى تۇغۇت چەكلىگۈچ ئادەتتە چىرىمەس سۇلياۋ ياكى مېتالدىن ياسىلىدۇ، بەزىلىرىگە ئازراق دورا قوشۇلىدۇ. تۇغۇت چەكلەش ھالقىسى ئادەتتە ھالقىسىمان، بالىياتقۇ بوشلۇقى شەكلىدە، Tخېتى شەكلى قاتارلىق نۇرغۇن شەكىللەردە بولۇپ، دوختۇر ھەربىر ئادەمنىڭ بالىياتقۇسىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، مۇۋاپىقىنى تاللاپ سالىدۇ.
بالىياتقۇ ئىچىگە تۇغۇت چەكلىگۈچ سېلىنغاندىن كېيىن تۇغۇت چەكلىنىشىنىڭ سەۋەبى
تۇغۇت چەكلەش ھالقىسى بالىياتقۇغا كىرگەندىن كېيىن، بالىياتقۇ ئىچكى مۇھىتىنى ئۇرۇقلىنىشقا پايدىسىز قىلىپ ئۆزگەرتىپ، ئىسپېرمىنىڭ ھەرىكىتى ۋە ئۇرۇق توشۇش نەيچىسىنىڭ يۆتكىلىش سۈرئىتىنى ئۆزگەرتىپ، تۇغۇت چەكلەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
Tags: