تەبىئەت ئارقىلىق ھاۋارايىنى تونۇتۇش
ۋاقتى: 2015-12-01
ئاۋاتلىقى: 629 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
تەبىئەت ئارقىلىق ھاۋارايىنى تونۇتۇش
تەبىئەتتىكى ھاۋارايى ئۆزگىرىشلىرى ۋە ھاۋارايى ئۆزگىرىشـلىرىمۇ بالىلار ئىگىلىۋېلىشى كېرەك بولغان تەبىئەت بىلىمى.كىچىك ياشتىكى بالىلارغا نىسبەتەن ئوخشاش بولمىغان ھاۋارايىنى تونۇش، ئوخشاش بولمىغان ھاۋارايى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر بولساھاۋارايى ئۆزگىرىشلىرىنى تونۇشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى. چۈنكى، بىر ياشقا كىرمىگەن بالا تېخى سۆز قىلالمايدۇ، كىتاپ كۆرۈپ خەت يازالمايدۇ، ئۇنىڭ تەبىئەتكە بولغان تونۇشى ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ بىر خىل تەجرىبىنىڭ ھېسسىياتى ۋە چۈشەنچىدىن ئىبارەت. شۇڭا، ئۇلارنى كۆپرەك سىرتلارغا ئېلىپ چىقىش، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە ھېس قىلدۇرۇش، شامال چىقىش، يامغۇر يېغىش، قار ئويناش ياكى قار ياغقان ۋاقىتتا تەپسىلى كۆزىتىش، ئاڭلاش ھەمدە بالىغا بۇنىڭ نېمە ھادىسە ئىكەنىلىكىنى ئېيتىپ بېرىش كېرەك. مەسىلەن : يامغۇر ياغقان ۋاقىتتا بالىغا سىرتنى كۆزەتكۈزۈش ۋە « يامغۇر ياغدى، كىچىك يامغۇر دانىچىلىرى چۈشتى» ياكى «ئوماق قوزام كۈنلۈكنى ئېلىۋالـغىن» دېيىش. قاتتىقراق يامغۇر ياغقان ۋاقىتتا بالىغا قولىنى سىرتقا ئۇزاتقۇزۇپ يامغۇر دانىچىلىرىنى قولىغا چۈشۈرۈش، بۇ ئارقىلىق بالىغا تېخىمۇ بىۋاستە ھالدا يامغۇر ياغقاننى ھېس قىلدۇرۇش.