«قىزىللىشىش» ھامىلىدار بولۇشقا پايدىلىقمۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
قىزىللىشىش (抢红) دېگىنىمىز ئاياللارنىڭ ھەيز مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ئەھۋالى بولۇپ، بەزى جايلاردا «قىزىللىشىش» بولسا ئاسان ھامىلىدار بولىدۇ دەيدىغان قاراشلار بار، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قاراشنىڭ قىلچە ئاساسى يوق.
ئاياللارنىڭ تۇخۇمىنىڭ چىقىرىلىشى كۆپ ھالدا كېلەركى قېتىملىق ھەيز كېلىشتىن 14 كۈن ئەتراپىدا بۇرۇن بولىدۇ. ھەيز مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە، ھامىلىدار بولۇش ۋاقتى، يەنى تۇخۇم چىقىرىشنىڭ ئالدى كەينىدىكى 2-3 كۈننى قولدىن بېرىپ قويغان بولىمىز. شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا ھامىلىدار بولمايلا قالماستىن، ئۇنىڭدىن سىرت، ھەيز مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ-دە، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ئورنى ئالمىشىپ قېلىش كېسىلى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن ھامىلىدار بولالماسلىق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا قىزىللىشىش ھامىلىدار بولۇشقا پايدىلىق دېگەن قاراش خاتا.