5 كوي مۇھىممۇ ؟ ساقالمۇ؟
ۋاقتى168 كۈنبۇرۇن | ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: تاغدىن-باغدىن | يوللانغان ۋاقتى:2011يىل 05ئاي 24كۈنى | : 1,953 قىتىم كۆرۈلدى°
تۆۋەندىكى سىن بولسا ئىچكىرنىڭ مەلۇم بىر شەھىردىكى بىر ساقاللىق ئۇيغۇر كاۋاپچىنىڭ كاۋاب سىتىش ئۈچۈن خەخلەرگە قاش ئىتىپ ئۇسۇل ئويناۋاتقان كۆرۈنۈشى بولۇپ بۇنىڭغا راستىنلا ئادەمنىڭ ئاچچىقى كىلىدۇ. ساقالنى قويۇۋالغىنى نىمىسى ئۇسۇل ئوينىغىنىغا نىمە دىگۈلۈك. 5 كوي مۇھىممۇ؟ ساقالمۇ؟
مەزكۇر سىن كوملار ئۇلىنىش تورىنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ تەۋسىيەسى ئارقىلىق يوللاندى. بۇ توغىرسىدا دوستلار مۇنازىرە ئىلىپ بارساق دىگەن ئۈمىد بىلەن بلوگىمىزغا يوللاندى. دوسلار مۇشۇ ئىشقا قارىتا ئۆز پىكىرىنى بايان قىلىپ باقسا.
مۇشۇنداق مۇنازىرە ئىلىپ بىرىشقا تىگىشلىك سىنلار بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ نامىدا يوللاپ قويسام بولىدۇ . لىكىن ئامال بار باشقا تورلاردا جىق يوللانمىغان سىنلار بولسۇن
ھى…ھى…ھى ئاۋال دىۋان ….
بۇنىڭغا مەن ئەڭ ياخشىسى پوزىتسىيە بىلدۈرمەيلا قوياي !
بۇرۇن كۆرۈپ ، ئالدىراشچىلىقتا تازا دىققەت قىلماپتىمەن ! ئەمدى ئاخشامدىن بېرى قايتا – قايتىلاپ كۆردۈم . ھەقىقەتەنمۇ ئىچىم ئاغرىدى . شۇنچە چىرايلىق ساقال ئىكەن بولمىسا . ئالىمجانغا ئوخشاش چىرايلىق ساقىلى باركەن ، لېكىن شۇ ئالىمجاننىڭ پوقىدىن ئازراق يىگەن بولسىچۇ ! كۆڭلىدە ئۇ ئۇ يەردە شۇنداق پەيزى ئوينىدىم دىگەن بىلەن ، قانچىلىغان كىشىلەر زاڭلىق قىلغاندۇ ؟؟!؟ قانچىلىغان كىشىلەر مەسخىرە قىلغاندۇ !؟؟!؟!
ئىچكىرىدىكى قېرىداشلارغا شۇنى دېگۈم كېلىدۇ :
سىلەر ئۇ يەردە قانداقلا ئىش قىلماڭلار ، چوقۇم ياخشى ئىش ، ياخشى ھەرىكەت قىلىڭلار ! سىلەر ئۆزۈڭلارغىلا ۋەكىل بولۇپ قالماستىن ، ‹‹ ئۇيغۇر مىللىتى ›› دىگەن چوڭ بىر كاتگۇرىيەگە ۋەكىللىك قىلىسىلەر ! سىلەر بىرەر يامان ئىش قىلساڭلار ، ۋاي پالانىجان قىپتۇ دىمەستىن ، ۋاھ ، شىنجاڭلىق ئۇيغۇركەن دەيدۇ ! ******** دېگەنلىرىمۇ ئازلىق قىلمامدا ؟ ئەگەر ئالىمجان ئۇيغۇرنىڭ ئەسلىدىن ياخشىلىقىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن يەنە بىر قېتىم باشقىلارغا تونۇتتى . بولمىسا بىز ئۇلارنىڭ نەزىرىدە *** بوپ يۈرگەن بولاتتۇق ! ياخشىلىق تارقالمايدۇ ! يامانلىق بولسا بەك تېز !
ئەلى بابا كاۋاپخانىسىكەن تېخى ئىسمى! ئاۋۇ ئاداش قېشىغا ئازراق قاشلىق ئېتىۋالدىمۇ قانداق ؟؟
ھۇ ھەزلەك. كۆتىگە نەچچىنى تەپسەم….. ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىنى تۈكۈپ…ئۈزىچە نوچى ئىش قىلدىم دەپ ئويلىغان چېغى…………ئەتتىگەندە بۇ سىننى كۈرۈپ سەپرايىم ئۆرلىدى.
مۇخەننەس مىجەز بىر نىمىكەنغۇ ئۇ…………………. بولدى كۆپ قاينىماي.
يۈزىنىڭ تۈكۈلىگىنىنى بىلىپ بولغاندۇ ھەقاچان…….
شۇڭا دەيمەن ، بۇ ساقال دىمەكتۇر ، يەنە بىر تەرىپى مۇقەددەس ئىسلام دىنىنىڭ سۈننىتى ئىدى . ئۇيغۇرنىڭ ھەم دىنىمىزنىڭ بىر يۈزىنى تۆككەنلىكتە ! ھەيييي ! مۇشۇ ئىچكىرىدىكى ياخشى ئادەملەرنىڭ يۈزىنى مۇشۇنداق ئەبگالار تۆكۈپ بولىدۇ ئەمەسمۇ ؟ ئەڭ يامىنى ئۇيغۇر ئانداق مانداق دىگەن نامنى داڭ چىقىرىدۇ
مەن خەن تورداشلارنىڭ 56 ۋە يۇكۇ تورىدا شۇنداق مەسخىرە قىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ شۇنداق ئىچىم ئاچچىق بولۇپ كەتتى ! خۇدايىم كۆڭلىگە ئىنساب بىرەر شۇ ئىچكىرىدىكى ئوغرى – يانجۇقچى ، ھەر خىل يامان ئىش قىلىۋاتقانلارنىڭ !
خىرىدارلارنى قاملاشمىغان ئۇسۇل بىلەن جەلىپ قىلماي كاۋىپىنىڭ تەمى بىلەن
جەلىپ قىلسا بولمامدۇ ، خىرىدار چاقىرىشنىڭ باشقا ئۇسۇلى يوقتەك ماۋۇ يۇڭ يۇزنىڭ
قىلغان ئىشىنى
ئەسسالاممۇ- ئەلەيكۇم ئەلشات توردىكى مۇنازىرچىلا:
بۇ سىننى مەنمۇ كۆرگەن لىكىن مۇنداق تىزلا مۇنازىرە ئوبىيكتى بولۇشنى ئۆيلاپ باقمىغان ، ئەمدى مەن پىكىرىمنى ئوتتۇرغا قويياي : بۇ كاۋاپچىنى ئۇنداق -بۇنداق دىسەك بولمايدۇ، يىلىمۇ ياخشى ساقلى باركەن ، يەنە كىلىپ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كانۋار كۆڭلىكىنى كىيپ تۇرۇپ تىجارەت قىپتۇ ، بۇ كاۋاپچنىڭ شۇ يۇرتتا جىننى باقماق ئاسانمۇ ، باشقىلارغا ئوخشاش باشقا مىللەتننىڭ كىيمنى كىيىپ نايناققىشىپ تىجارەت قىلىدىغانلارمۇ بارغۇ ؟ ئۇلارغا نىمە دەيسىلە ئەمدى ، ئۇ كىشنىڭ ناخشا ئوقۇپ ئۇسۇل ئويناشى بىر ئىلان ، شۇ ھەركىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سودىسنى ياخشى قىلالىشى مومكىن ، سىلەرمۇ تور بىتىڭىلارنى تونۇتۇش ئۇچۇن باشقىلار بىلەن ئىلان ئالامشتۇرسىلە ، يەنە بەزىلەر پۇل تىپىش ئۇچۇن تور بىتىگە تىتقىسىز ماز ئىلانلارنى قويىدىغۇ ؟ شۇڭا سىلەرگە تەۋسىيرىم باشقلارنىڭ ھەركتىنى ئويىلاماي ئۇلارنىڭ تۇرمۇشنى ئويلاڭ ، بەك شۇ قىلىقىنى قىلمىسۇن دىسڭىز ئۇلارنى بىىقىڭ ، ۋە ياكى ئۇلارغا ئوزنىڭ دۇككىنى تونۇشقا باشقا ئامال قىلىپ بىرىڭ بولمسا غ غا ت نى قىسىپ تور بىتىڭىىزنىڭ ئۇلىنىش تورى بىلەن تەڭ دەرىجىدە مىڭىشقا رىقابەتلىشىڭ ،مەن بۇگەپنى ئەلشات تورىغا دىمىدىم ، كوملار ئۇلىنىش تورىغا دىدىم ، باشىقىلارغا تىڭىپ كەتمىسۇن !!
بولدى بۇرادەر. قاينىماڭ. زەيپانىلەرگە پەقەت زەيپانىلارلا ئامراق كىلىدۇ. ئۇنىڭ ساقال قۇيۇپ كانۋار كۆينەك كېيگىنى چىرايلىق كۈرنۈپ كەتكەن چېغى…………. ئۇيغۇرچە مۇزىكىغا،ئۇيغۇرچە ناخشىغا ئۇيغۇرچە ئۇسۇلنى ئوينىغان بولسا بىر نەرسە دىسەك ئاندىن چىچاڭشىسا بۇلاتتى. (ئەمەلىيەتتە ئۇلار سەننەتچى بولمىغاندىكىن تىجارەت ئۈچۈن ناخشا ئۇسۇل بىلەن ھەپىلەشمەي تىجارىتىنى قىلسا ئەڭ ياخشىسى شۇ) باشقىلار ناخشا ئۇسۇل بىلەن ھەپىلەشمەيمۇ پۇل تېپىپ كىرۋاتىدىغۇ……….. بۇنداقلارغا ئەڭ ياخشىسى ۋاقىت ئىسراپ قىلمىغان ياخشى
شۇڭا دەيمە
مەنمۇ بىر ئېغىز سۆزلەي.
تارىختىن بۇيان ئەجداتلىرىمىز ساقالنى باھادىرلىق،ھەم ئىماننىڭ سۈپىتى قىلىپ كەلمەكتە،دوستۇم تورچى سىزمۇ ھەقاچان بىزدىكى ساقال دىگەن سۆزنى كۆرسىڭىز،ئالدى بىلەن كاللىڭىزغا ئىسلام ياكى ئىمانلىق بىر ئادەمنىڭ سىماسى…ياكى سەئىدىخان،ئابدىرىشىتخان..ھىندىقۇش مىرزا ۋەياكى شىرئەلى باھادىرغاننىڭ سىماسى كىلىشى مۇمكىن!!!مۇشۇ كىشلىرىمىز مۇشۇ سىننى كۆرسە گەپ سۆز يوق چۇقۇم ئۇنى زىندانغا تاشلىشى ياكى كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىلىشى مۇمكىن.
دوستۇم تورچى، سىز تۇرمۇش يولى ئۇنى مۇشۇنىڭغا زورلىغان بولىشى مۇمكىن دەپسىز.ئۇنىڭ ئورنىدا مەن بولغان بولسام قاق سەنەم بولۇپ كەتسەممۇ ئۇنداق ھەددىدىن ئاشقان خۇشامەتچىلىك بىلەن قىلغان سودىنى زىنھار قىلمايتىم(ئاللاھ كۆڭلىمىزگە ئىنساب بەرسىلا!!!)بۇبىر مىللەتكە باھا بېرىپ قۇيۇشى مۇمكىن.مىللەت ئابرويى سەلتەنىتى ئالدىدا تۇرمۇشنىڭ ئۇنچىلىق قاتتىقچىلىقى ئۇسۇرۇققا تەڭ!!!!!بولسا سىز شىراق دىگەن رىۋايەتنى ئۇقۇپ چىقىڭ!!!شۇكىشى ئۆزىنى قۇربان قىلمىغان بڭلسا بىز پارىسلىنىڭ قۇلىدا قىرىلىپ كىتىشىمىز مۇمكىنتى….
پۇل تاپىمەن دىسە يوللىرى كۈرمىڭ خىل،يۇرتىدىمۇ تاپسا تاپقىلى بولىدۇ.بىز ئەلۋەتتە پۇل تاپسا قېرىنداشلىرىمىزنى قوللايمىز،لىكىن ئۇلارغا دۇكان ئىجارا ئېلىپ،ئۇلارنى باقالمايمىز!!
مۇشۇ سۆزىمنى چۈشىنىڭ!!!
بۇ سىن چىققىلى ئۇزۇن بولدى، بۇلتۇرقى يەرمەنكىدە چىققان بۇ سىن شۇ ۋاقىتتا كۆرۈپلا بۇ ئاداشقا ئاچچىقىم كەلگەن ، بەلكىم ئۈستىدىكى تورداشنىڭ دىگخنى ئورۇنلۇقتۇ ئالدىراپ ھۆكۈم چىقارمايلى.
ئالدىراپ بىرنىمە دىمەيلى قىرىنداشلار،يەنىلا شۇ تىرىكچىلىك ئۇچۇن،مىنىڭمۇ بۇ سىننى كۆرۇپ بەك ئاچچىقىم كەلدى بىراق تۆۋەندىكى نۇقتىلاردىن قاراپ بىقىڭلار…
1.قارىغاندا ئىچكىر ئوخشايدۇ،نە بولسا مەيلى بىراق يەنىلا تىرىكچىلىك ئۇچۇن،جان بىقىش ئۇچۇن،ھىچ بولمىغاندا ياد مىللەت ئالدىدا خار بولۇپ دىۋانچىلىق قىلماسلىق ئۇچۇن.(يامان تەرىپىنى ئويلىماي تۇرۇڭلار)
2.مەن مۇشۇ كەمگىچە پەقەت سەھنىدىن باشقا يەردە يەنى مۇشۇنداق چوڭ كوچىلاردا كانۋا كۆڭلەك كىيگەن ئادەمنى كۆرۇپ باقمىدىم.
3.كۆپ ئىشلاردا يامانلىقىنى كۆرۇپ كىچىكىنە ياخشىلىقىنى ياپمايلى
رازۋىتچىك دىگەندەك قىينالغاندا بۇ ئىشنى زىنھار قىلمايسىز شۇنداقمۇ،بەلكىم باللىرىڭىز ئۇچۇن بولسىمۇ…….
يەنە بىرگە ساقال قويىۋالسىلا ياخشى بولامدا تارىخىمىزدا بوپمۇ ئاپپاق خوجىدەك مۇناپىقلار .
مەن بۇسىننى كۆرۇپ ئاچچىقىم كەلمىدى ئەمەس كەلدى،لىكىن ئۇيغۇرۇمنىڭ شۇلارنىڭ ئالدىدا دىۋانە بولۇپ خارازار بولغان ھالىدىن مىڭ ياخشى.
شۇ ساقالنى قويماي ئوينىسىمۇ بىر گەپ ئىدى ، ساقال ئىسلامدىكى بىر سۈننەت بولۇپلا قالماستىن ، ئۇنى كۆرگەن ئادەم ۋاي پالانىجانكەن دىمەستىن ، شىنجاڭلىق ئۇيغۇركەن دەيدۇ ئەمەسمۇ ؟؟
ئالىمجاندىمۇ ئەنە شۇنداق ساقال بار ، شۇ ئادەممۇ شۇنچە تېرىشىپ ، ئۆزىنىڭ مىللىتىنىڭ ئابرۇيىنى يەنە بىر قېتىم تىكلىدى ! ئۇنىڭدىن ئىلگىرى مەيلى توردا بولسۇن ، مەيلى قەيەردە بولسۇن ، ئۇيغۇرنى باشقا مىللەتلەر تولىراق ، ‹ شىنجاڭلىق ئوغرى › ئاقچى ، كۆكچى دېيىشەتتى ، لېكىن ھازىر ئالىمجان چىقتى ، يەنە ھېلىقى تاشنى قولىدىدا ئېزىۋىتىدىغان يەنە بىر ئادەم سىچۈەنگە بىر مىليۇندەك ئىئانە قىلدى . شۇنداق قىلىپ ، بىر قىسىم ئازغۇنلار تۆكۈپ بولغان يۈزىمىزنى ، بەزى ياخشى كۆڭۈل قېرىنداشلىرىمىز ئاستا – ئاستا ئەسلىگە كەلتۈرۋاتىدۇ !
بۇ سىننى تۇنجى چىقارغاندا ، مەلۇم بىر خەن تورداش 56 تورىغا چىقىرىپتىكەن . شۇنداق ئىنكاسلار چۈشۈپ كېتىپتىكەن . ئۇ يالغۇز ئۆزىگە ۋەكىل بولماستىن ، ئۇيغۇرغا ۋەكىلمۇ بولۇپ قالىدۇ .
تورداشلارنىڭ تېمىنى توغرا چۈشىنىپ ، ۋە ئىنكاسلارنى توغرا چۈشىنىپ ئوقۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن !
مىللەتنىڭ يۇزىنى تۆكۈپ …
كوملار تورى ، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن شۇنى دىمەكچى ! بىز ئەلشات بلوگى بىلەن ياخشى ھەمكارلىق ئورنىتىپ . خىلمۇ – خىل ياخشى سىنلارنى تەۋسىيە قىلىش ئارقىلىق ، تورداشلار بىلەن تېخىمۇ كۆپ سىنلارنى بىللە كۆرۈپ مۇنازىرە قىلىمىز !
ئەركەك دىگەن توردا غەيۋەت قىلمايدۇ . ھەر قانداق گەپ بولسا ، چىرايلىق دىيىشەلەيمىز ، چۈنكى بىزنىڭ تىلىمىز بىر . دىنىمىز بىر ! ئۇنداق ئادەمنىڭ كەينىدىن گەپ قىلغاندەك ، نەدە تېمىغا مۇناسىۋەتسىز سۆزلەرنى سۆرەپ چىقىپ ئىنكاس قالدۇرۇپ ، ئۆزۈڭلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرمەڭلار ! بۇ يەر پەقەت مۇنازىرە قىلىدىغان ۋە كۆڭۈل شاتلىقى تاپىدىغان سورۇن خالاس . نېمە تىما بولسا شۇ تىما توغرۇلۇق مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشىمىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمىت قىلىمەن !
ئەگەر ماڭا پىكىر – تەكلىپ بولسا ، تېلفۇن ئارقىلىق ياكى چ چ ئارقىلىق قالدۇرساڭلارمۇ بولىدۇ ! بۇ يەرگە كېلىپ ، كوملارغا تەكلىپ بەرمەڭلار ! بۇ يەر ئەلشاتنىڭ ، كوملارنىڭ ئەمەس ! ياكى بىز ئالاقە قىلالىغۇدەك ئالاقە ئۇسۇلى قالدۇرۇپ قويۇپ ، ئاندىن ئىنكاس يېزىڭلار ، جاۋابىنى بىز سىلەرنى ئىزدەپ بېرىمىز !
ھۆرمەت بىلەن : كوملار ئۇلىنىش دۇنياسى
بۇرۇن باشقىلىرىنىمۇ كۆرگەن ئىدىم ~!
ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ ~!
بەلكىم بۇنى چەتەللىكلەرمۇ كۆرىشى مۇمكىن ~!
بۇنى كۆرگەن يات مىللەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى شۇنداق ئوخشايدۇ دەپ قېلىشى مۇمكىن .
بۇ پىكىرىڭىزنى قوللايمەن ، مەنمۇ شۇ مۇشۇنداق بولۇپ قالارمۇ دەيمەن ! ھەيييي ! لېكىن باشقىلار چۈشەنمەي …
ئىشتان بېغىغا ئېسىلىپ ئۆلىۋالسىچۇ ئاۋۇ ھەزىلەك !!!
كىيىن بولسىمۇ ئۇرۇن تىگىپتۇ ، كىيىندە بولسىمۇ بىر سىناپ باقاي قېنى
قېنى يەنە بىر ئىنكاس يىزىۋالاي
بىز ئۇيغۇرلار ئىچكىرىگە كاۋىپىمىز بىلەن ئۇسۇلدا داڭلىق ئەمەسمۇ ؟!!
ئاشۇرىۋېتىپتۇ.
ئىسىت ئىسىت