ھەقسىز QQ پۇلى تىپىڭ دىسەم ئىشىنەمسىز؟

سەھپە: پەچەت بىلىملەر باھا:9

ھەقسىز QQ پۇلى تىپىڭ دىسەم ئىشىنەمسىز؟ بەلكىم چوقۇم ئىشەنمەيسىز! چۈنكى ھازىر توردا بۇنداق ئادەم ئالدايدىغان ئۇچۇرلار بەك كۆپىيىپ كەتتى. شۇڭلاشقا ئىشەنمەيسىز. لىكىن ئادەمنىڭ ئەسكىسىمۇ بار ياخشىسىمۇ بار ئىشەنچىلىكىمۇ بار ئىشەنچىسىمۇ بار. ئەمدى مەن بۈگۈن بۇ يەردە دوستلارغا تەۋسىيە قىلماقچى بولغىنىم مانا مۇشۇلارنىڭ ئىچىدىن تاللىنىپ چىققان ھەقىقى ئىشەنچىلىك توربەت. بۇنداق دىسەم سىز خەخ بىكاردىن بىكارغا QQ پۇلى بىرەمدۇ؟ دىيىشىڭىزمۇمكىن.ئەلۋەتتە ئۇنداق بولمايدۇ،سىزمۇ ئۇ شىركەت ئۈچۈن ئازراق كۈچ چىقىرىسىز دىتالىنى باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىسىز ئاندىن ئاشۇلار دىتالنى چۈشۈرسە ئاندىن سىزگە QQ پۇلى بىرىدۇ، دىمەك بۇ خۇددى شىركەتگە ئىشلەپ پۇل تاپقانغا ئوخشاش ئىش شۇڭا بۇنىڭ ئىشەنچىلىكىدىن خاتىرجەم بولسىڭىز بولىدۇ.

ئەمدى بىز بۇ QQ پۇلىغا ئىرىشىش ئۈچۈن بىز نىمە ئىش قىلىمىز، تەس ئەمەس، سىز ئاۋۋال بۇ تورغا كىرىپ( meituxiuxiu 美图秀秀) ئاشۇلارنىڭ رەسىم ئىشلەش دىتالىنى چۈشۈرىسىز بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ ئاندىن مۇشۇ كىرگەن توربىتىڭىزنىڭ ئۈستىگە قارىسىڭىز مۇنداق بىر خەتنى كۆرىسىز  我也要自己的VIP版!مۇشۇ خەتنى بىسىپ چىققان بەتتىكى كۆزنەككە QQ نۇمۇرىڭىزنى خاتىرجەم كىرگۈزۈڭ، ئىككىنجى كۆزنەككە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يىزىڭ، ئاستىغا دەلىللەش كودىنى يىزىپ پائالىيەتگە قاتنىشىشنى بىسىڭ. ئەمدى ئۇلار سىزگە بىر ئادرىس چىقىرىپ بىرىدۇ شۇ ئادرىسنى تەشۋىق قىلىڭ شۇ ئادرىستىن 5 ئادەم ئاشۇ دىتالنى چۈشۈرسە ۋە ياكى 5 ئادەم ئەزا بولسا سىزگە 1 QQ پۇلى بىرىدۇ. مانا مۇشۇنداقلا ئاددى.

ئەمدى نىمە ئۈچۈن بۇ دىتالنى چۈشۈرسە پۇل بىرىدۇ؟ بۇ دىتالدا ۋىروس بارمۇ؟ دىگەندەك خىياللار كاللىڭىزغا كىلىشى مۇمكىن. خاتىرجەم بولۇڭ ( meituxiuxiu 美图秀秀) شىركىتى تور ساھەسىدە خىلى داڭقى چىققان شىركەتلەرنىڭ بىرى باشقىلار ئۇلارنىڭ دىتالىنى ئىشلەتسە ئۇلارغىمۇ كىرىم بولىدۇ.شۇڭلاشقا سىزگەQQ پۇلى بىرىدۇ.

ئەمدى بۇ دىتالنى چوقۇم چۈشۈرۈشۈم كىرەكمۇ؟ چۈشۈرگەندىن كىيىن چوقۇم ئىشلىتىشىم كىرەكمۇ دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. ياق! سىز دىتالنى چۈشۈرۈشنى بىسىپ 5% ئەتراپىدا بولغاندا توختىتىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ ياكى دىتالنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ بۇمۇ خىلى ياخشى دىتال photoshop بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن رەسىم سۈزۈكلەشتۈرۈش چىراي ئاقارتىش رەسىمگە رامكا ياساش قىزىقارلىق رەسىملەرنى ئىشلەتتە ئىختىدارى كۈچلۈك بولغان دىتاللارنىڭ بىرى شۇڭا چۈشۈرۈپ خاتىرجەم ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

ئۇنداقتا مەن پۇل تاپقاندىن كىيىن پۇلۇمنى قانداق سۈرۈشتۈرەلەيمەن؟ پۇلنى قانچىلىك ۋاقىتتا بىزگە ئەۋەتىپ بىرىدۇ؟ پۇلىڭىزنى بۇ ئادرىستىن سۈرۈشتۈرۈڭ. پۇلنى سىز ئىلتىماس قىلغان ھامانلا سىزگە 2 سىكىنۇت ئىچىدىلا يوللاپ بىرىپ بولىدۇ.

ئەمدى ئۆزۈم پۇل تىپىپ پۇل ئالغان بىرقانچە ئىسپات ۋە پۇل ئىلىش ئۇسۇلىنى سىلەرگە كۆرسىتەي.

مانا ھازىر بۇ رەسىمدە 7 كىشى بۇ دىتالنى چۈشۈرۈپتۇ ماڭا كەلگىنى 1.4 QB ئەمدى سىز يان تەرەپتىكى 马上领取Q币 دىگەننى بىسىڭ

سىز پەقەت كۈندە 1QQ پۇلى ئىلتىماس قىلالايسىزئىشىپ قالسا ئەتە ئىلتىماس قىلىڭ شۇڭا ئاۋۇ كاتەكچىگە 1 دىگەن پۇل سانىنى كىرگۈزۈڭ

مانا پۇلىڭىز شۇ ۋاقىتنىڭ ئىچىدىلا كەپ بولدى

يەنە چۈشەنمىگەن مەسىلىلەر بولسا ئىنكاس يىزىڭ ئورتاقلىشىمىز.

 

Smilie Vote is loading.
2011.05.13 ئاپتور: ئەلشات

* * تورداشلار مۇنداق باھالارنى بەردى سىزچۇ؟ * *
2011.05.13
00:56
1-قەۋەت: «مەدرىس» مۇنداق دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مۇشۇ چ چ پۇلى دىگەننى نىمىلەرگە ئىشلەتكىلى بۇلىدۇ؟ مەن پەقەت چۇشەنمەيمەن ھەم قىزىقمايمەن.

بۇ باھاغا پىكىرىم بار


ئەلشات مۇنداق يازغان:

QQ پۇلىغا QQ دا كىيىم سىتىۋالالايسىز. ئەزالىق كەسىپلىرىنى ئاچتۇرالايسىز، QQ نىڭ ھەرخىل ئويۇنلىرىدا ھەرخىل قۇراللارنى سىتىۋالالايسىز، ئىشقىلىپ بۇمۇ توردا پۇل بىلەن ئوخشاش. QQ شىركىتىدىن QQ پۇلى قاچىلىسىڭىز1 يۇەن 1QQ پۇلى

بۇ باھاغا پىكىرىم بار

2011.05.13
01:17
2-قەۋەت: «تۇران تېكىن» مۇنداق دېدى:

مەن ئۆزەمنى ئويلىماي سىزنىلا ئويلاپ، كىرىم مەنبەيىڭىزنى بىر چىكىپ قويدۇمغۇ! :grin:

بۇ باھاغا پىكىرىم بار

2011.05.13
02:57
3-قەۋەت: «رېتسىپ» مۇنداق دېدى:

مەنمۇ راستىنى ئېيىتسام بۇ QQ ۋە پۇلى توغرىسىدىكى ئىشلارغا تازا قىزىقمايمەن . چۈنكى مېنىڭ ئويۇن بىلەن خوشۇم يوق ، ئەمما يەنىلا قېرىداشلىرىمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن …… :roll:

بۇ باھاغا پىكىرىم بار

2011.05.14
02:37
4-قەۋەت: «تور» مۇنداق دېدى:

يىگىت ، بۇ 2010-8-24 كۈنىدىكى پۇل قاچىلاشكەنغۇ ، يەنە كېلىپ چ چ سىزنىڭ ئەمەس ! بۇ پۇلنى بېرىدىغانلىقى راست ! لېكىن 100 چچ پۇلى بولغاندا ، شۇلارنىڭ مۇلازىمەت چچ سى بىلەن ئالەقە قىلسا بېرىدۇ ! ئۇنداق بۇرۇنقى خەقنىڭ كونا رەسىملىرى بىلەن ئادەم ئالدىماڭ ! يامان بولىدۇ !

بۇ باھاغا پىكىرىم بار


ئەلشات مۇنداق يازغان:

توۋا خۇدايىم! نىمە دەيدىغانسىز QQ مىنىڭكى قارىسىغا گەپ قىلماڭ ئىشەنمىسىڭىز قوشۇپ ئارخىپىمغا قاراپ بىقىڭ! ئاشۇ 464243056 دىگەن نۇمۇرنى قوشۇپ كۆرۈپ بىقىڭ

بۇ باھاغا پىكىرىم بار


ئەلشات مۇنداق يازغان:

يەنە بىرسىگە ئۇلارنىڭ مۇلازىمەت QQ سى بىلەن ئالاقە قىلمايدۇ پۇلنى ئىلىشنى ئىلتىماس قىلسىلا ئۇلارنىڭ تورى ئاپتۇماتىك پۇلنى يوللاپ بىرىدۇ

بۇ باھاغا پىكىرىم بار


شۇڭقار مۇنداق يازغان:

چ چ پۇلى تاپقىلى بولدىغانلىقى راس ئەمما ئاۋۇ رەسىملەر راسلا كونا ئىكەن، بەلكىم بۇ يىلىمۇ بادۇ بۇ پائالىيەت…
ئۆتكەن يىلى مىەنمۇ 6 چچ پۇلى تاپقان شۇ ۋاقىتتىلا چ چ غا يۈتكىگىلى بولىدۇ

بۇ باھاغا پىكىرىم بار

2011.05.15
19:10
5-قەۋەت: «ئاغىنىلەر» مۇنداق دېدى:

بۇ ھۇنەرنىمۇ بىر سىناپ باقمىسام خەپ

بۇ باھاغا پىكىرىم بار

* * مەن بىر پىكىرىمنى بىرىپ باقايچۇ * *

تور بېكەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما


Checkerize designed by Web Hosting.  In conjunction with Web Hosting   |   Free MMORPG   |   Reverse Phone Lookup